UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىتوك قولى

توك قولى

ئېلېكترون بىلىملىرى پەن - تېخنىكا خادىملىرى جەڭدە ئوڭ قولىدىن (بىلىكىدىن) ئايرىلىپ قالغان بىر جەڭچىگە بىر «مۇسكۇل توك قولى» ئورنىتىپ، بۇ جەڭچىنى خەت يازالايدىغان، تاماق يېيەلەيدىغان، قارتا ئوينىيالايدىغان، نەرسىلەرنى ئالالايدىغان، كۆتۈرەلەيدىغان ۋە ۋېلىسىپىت مىنەلەيدىغان قىلدى. مۇسكۇل توك قولىنى كەشىپ قىلىش، پېتروۋسكى دەپ ئاتىلىدىغان بىر بىئولوگىيە ئالىمىدىن باشلانغان. بىر قېتىم ئۇ بىر گۇرۇپپا مىكرو تىپلىق ئېلېكتر قۇتۇپىنى ئۆزىنىڭ پۇتىنىڭ نېرۋىلىرىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى ئۆتكۈزگۈچ سىم ئارقىلىق، كومپيۇتېرنىڭ كىرىش ئۇچىغا ئۇلايدۇ، كومپيۇتېرنىڭ چىقىش ئۇچىنى ئۆتكۈزگۈچ سىم ۋە مىكرو تىپلىق ئېلېكتر قۇتۇپى ئارقىلىق پالەچ بولۇپ قالغان بىر مۈشۈكنىڭ پۇت مۇسكۇلىغا ئۇلايدۇ، ئۇ ئادەم پۇتىنى كۆتۈرگەن چاغدا، كومپيۇتېر ئۇنىڭ پۇتى تارقاتقان سىگنالنى بىر تەرەپ قىلىپ كۈچەيتكەندىن كېيىن، مۈشۈكنىڭ پۇتىغا يوللاپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۆجىزە يۈز بېرىدۇ. پېتروۋسكى پۇتىنى كۆتۈرسىلا، پالەچ بولۇپ قالغان مۈشۈكمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ پۇتىنى كۆتۈرىدۇ، پېتروۋسكى ھاياجانلىنىپ كېتىپ پۇتىنى داۋاملىق كۆتۈرىۋەرسە، بۇ مۈشۈكنىڭ پۇت - قوللىرى «ئۇسسۇل ئويناپ» كېتىدۇ. ئەسلىدە، ئادەمنىڭ پۇت - قوللىرىنىڭ ھەرىكىتى چوڭ مېڭە تارقاتقان بۇيرۇق ھەرىكىتىنىڭ مېڭە ئېلېكتر سىگنالى تەرىپىدىن تىزگىنلىنىدۇ (كونترول قىلىنىدۇ)، ئۇ نېرۋا تالالىرى ئارقىلىق قول ياكى پۇتنىڭ ھەرىكەت نېرۋىلىرىغا يوللىنىپ، مۇسكۇلغا تەسىر قىلغاندا، ئېلىش، قويۇش، سوزۇش، يىغىش ياكى پۇت كۆتۈرۈش (تېپىش) ھەرىكىتى ئورۇندىلىدۇ. پۇت - قول ئۈزۈلگەن ياكى پالەچ بولۇپ قالغاندا، چوڭ مېڭە يەنىلا ھەرىكەت بۇيرۇق توكىنى تارقىتىۋېرىدۇ. ئەگەر بۇ توكنى باشلاپ چىقىپ، مەيلى ئۇنى ھايۋانلارنىڭ پۇت - قولىغا ياكى ئېلېكترونلۇق يالغان پۇت - قولغا ئۇلىيالىساق، ئۇلارغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بېرەلەيمىز. ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ھەقىقىي قول ھەرىكەت قىلغان چاغدا، بەدەننىڭ ئۈستۈنكى يېرىم قىسمىنىڭ مۇسكۇل توكىنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بايقىدى. ھەتتا قول كېسىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ، پەقەت قولنىڭ تۈۋى قىسمىدا (مۈرىگە يېقىن قىسمىدا) بەزى قىسقىرالايدىغان مۇسكۇل توقۇلمىلىرى قالغان بولسىلا، بۇ خىل مۇسكۇل توكى سىگنالى ھاسىل بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەقەت ئومۇرتقا قىسمى، كۆكرەك قىسمى ياكى بىلەك قىسمىدىن قول - پۇتلارنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلەيدىغان توك چىقىرىلسىلا، مۇسكۇل توك قولىنى باشقۇرغىلى بولىدۇ. مۇسكۇل توك قولى بولسا بىلەك قېپى (ئىچى كاۋاك سۈنئىي بىلەك)، ھەقىقىي قولغا ناھايىتى ئوخشايدىغان ئېچىلىپ - يېپىلالايدىغان كرېمنىيلىق كاۋچۇك قول، يۈزلۈك ئېلېكتر قۇتۇپى، مىكرو تىپلىق ئېلېكتر ماتور، ھەرىكەت ئۇزىتىش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ. يۈزلۈك ئېلېكتر قۇتۇپى ئېلېكتر مەنبەسىنىڭ چاتقۇچى (شىتېپسېلى) غا ئوخشاش بولۇپ، مەجرۇھ بىلەكنىڭ مۇۋاپىق مۇسكۇل قىسمىغا بېسىپ قويۇلىدۇ، مەجرۇھ ئادەم ئىستاكاننى ئالماقچى بولغاندا، چوڭ مېڭە بۇيرۇق تارقىتىدۇ، بۇ چاغدا مەجرۇھ بىلەك مۇسكۇلىدا مۇسكۇل توك سىگنالى ھاسىل بولىدۇ، ئۇ ئېلېكتر قۇتۇپى ئارقىلىق ئېلېكترون زەنجىرىگە تارقىلىپ بېرىپ، بىرتەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، مىكرو ئېلېكتر ماتورىنى تىزگىنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن يالغان قول ئادەمنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئېچىلىپ - يېپىلىش ھەرىكىتىنى قىلىدۇ ياكى بېغىشىدىن ئايلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
توك قولى | UyghurWiki | UyghurWiki