UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىكومپيۇتېر شاھمات ئۇستىسى

كومپيۇتېر شاھمات ئۇستىسى

ئېلېكترون بىلىملىرى 1959 - يىلى ئامېرىكا ئىنژېنېرى سامۋېل ياسىغان شاھمات ئوينىيالايدىغان تۇنجى كومپيۇتېر سامۋېلنىڭ ئۆزىنى مەغلۇپ قىلىپلا قالماستىن،1962 - يىلى يەنە ئامېرىكىنىڭ شاھمات ساھەسىدىكى داڭلىق ئۇستىسىنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، دۇنيادىكى بارلىق شاھمات ماھىرلىرىنىڭ كومپيۇتېر شاھماتچى بىلەن ئېلىشىشى تەس بولۇپ قالدى. كومپيۇتېر شاھمات ئۇستىسىنىڭ سىرتقى شەكلى بىر »قامۇس« كىتاب چوڭلۇقىدىكى قارا رەڭلىك سۇلياۋ قۇتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۈستىدە بىر كىچىك يالتىراق ئېكران بار، ئۇ شاھمات تاختىسىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. يالتىراق ئېكراننىڭ ئاستىدا كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن ھېسابلاشنى تىزگىنلىگۈچ بار بولۇپ، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى كۇنۇپكىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا شاھمات ئۇرۇقلىرىنىڭ نامىنى ۋە شاھمات تاختىسىدىكى بويىغا ۋە توغرىسىغا جايلاشقان ئورۇنلارنى ئىپادىلەيدۇ. كومپيۇتېر شاھمات ئۇستىسىنىڭ شاھمات ئوينىغاندا تايىنىدىغىنى كومپيۇتېر پروگراممىسى. بۇ پروگرامما ئويناش قائىدىسى، داڭلىق شاھماتچىلارنىڭ ئويناش ئۇسۇلى، شاھمات رىسالىسى قاتارلىقلارنى ماتېماتىكىلىق تىلغا ئايلاندۇرۇپ كومپيۇتېردا ساقلايدۇ. شاھمات ئوينىغان چاغدا، كومپيۇتېر مەلۇم بىر شاھمات ۋەزىيىتىدە يۆتكەشكە بولىدىغان ئۇرۇقلاردىن نەچچىسى بارلىقىنى، ھەربىر ئۇرۇقنى قانداق ماڭسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كومپيۇتېر ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە، ئالدىنئالا كىرگۈزۈلگەن ھەر خىل شاھمات ۋەزىيىتىگە سېلىشتۇرۇپ، ھەربىر قەدەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ئېرىشىدىغىنى بىلەن يوقىتىدىغىنىنى ھېسابلاپ چىقىپ، ئەڭ ياخشى لايىھىنى تاللايدۇ ۋە كېيىنكى ئۇرۇقنى قانداق يۈرۈشنىڭ «تەدبىرى» نى بەلگىلەيدۇ. كومپيۇتېر شاھمات ئۇستىسىنىڭ «شاھمات سەنئىتى» نى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن، ئۇ پەقەت ئالدىن بەلگىلەنگەن قەدەم باسقۇچلار بويىچىلا ماڭىدۇ، بىر قەدەم مېڭىپ بىر قەدەم ھېسابلايدۇ. شاڭخەيلىك قىز ۋۇ شياۋيىڭ بىر قېتىم ئاسىيا خەلقئارا شاھمات مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندا، ئىچىگە100 دىن ئارتۇق ئالاھىدە چوڭ ئۇستىلارنىڭ شاھمات رىسالىسى ۋە شاھمات ۋەزىيىتى كىرگۈزۈلگەن كومپيۇتېر شاھمات ئۇستىسى بىلەن تىركىشىپ قالىدۇ. ۋۇ شياۋيىڭ بىر «غەلىتە تەدبىر» نى قوللىنىپ، كومپيۇتېر شاھمات ئۇستىسىنى ئالدىنئالا تەييارلانغان شاھمات رىسالىسى بىلەن شاھمات ۋەزىيىتىدىن تەدبىر تېپىشقا ئامالسىز قالدۇرۇپ يېڭىۋالىدۇ. لېكىن، كومپيۇتېر شاھمات ئۇستىسىنىڭ شاھمات ئويناش سەنئىتى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىمەكتە. ئامېرىكىنىڭ بېل شىركىتىنىڭ بىر خىل كومپيۇتېر شاھمات ئۇستىسى64 مىكرو كومپيۇتېرنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ھەربىر مىكرو كومپيۇتېر خەلقئارا شاھماتتىكى بىر كاتەكچىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۇلار بىر تەرەپتىن يەككە ھېسابلاپ، بىر تەرەپتىن بىرلەشتۈرۈپ ھېسابلاپ، ھەربىر سېكۇنتىغا150 مىڭ قەدەمنى ھېسابلاپ چىقىدۇ، ئاندىن سېلىشتۇرۇپ تاللايدۇ. شۇڭا، كومپيۇتېر شاھمات ئۇستىسى خېلى يۇقىرى ئىستراتېگىيىلىك سەۋىيىگە ئىگە بولۇپ، ناھايىتى چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى