UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىمىكرو دولقۇنلۇق كۈچ ئۇلاپ ئالاقىلىشىش

مىكرو دولقۇنلۇق كۈچ ئۇلاپ ئالاقىلىشىش

ئېلېكترون بىلىملىرى بېيجىڭدا تىزىلغان «خەلق گېزىتى» 5 مىنۇت ئەتراپىدىلا پۈتۈن دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە يەتكۈزۈلىدۇ، پايتەختتىن يىراقتىكى كىشىلەر مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نومۇرلىرىنى خالىغان ۋاقىتتا قوبۇل قىلىپ كۆرەلەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مىكرو دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىشنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىندۇر. مىكرو دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىش رادىئو (يەنى سىمسىز) ئارقىلىق ئالاقىلىشىشنىڭ بىر خىلىدۇر. مىكرو دولقۇننىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى پەقەت1 مىللىمېتىردىن1 مېتىر ئەتراپىغىچە بولىدۇ. بۇ خىل رادىئو دولقۇنى ئوتتۇرا دولقۇن بىلەن ئۇزۇن دولقۇنغا ئوخشاش ئېگىز تاغ ياكى ئېگىز بىنالاردىن «ھالقىپ» ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ، ياكى قىسقا دولقۇنغا ئوخشاش ئىئونوسفېرا قەۋىتىدىن ئەكسىگە قايتىپ يىراق ئارىلىقلارغا تارقىلالمايدۇ. ئۇ پەقەت يورۇقلۇق نۇرىغا ئوخشاش تۈز سىزىق بويىچە ئىلگىرىلەيدۇ، يەر شارىنىڭ يۈزى ئەگرى يۈز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تارقىلىش ئارىلىقى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ. شۇڭا، ھەر50 كىلومېتىر ئەتراپىدىكى ئارىلىققا بىر ئارىلىق پونكىتى قۇرۇپ، ئالدىنقى پونكىت يوللىغان سىگنالنى قوبۇل قىلىپ كۈچەيتكەندىن كېيىن، كېيىنكى بىر پونكىتقا يوللاپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. مىكرو دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىش گېزىتنىڭ خەتلىك سىگناللىرىنى ياكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تېلېۋىزىيە سىگناللىرىنى مانا مۇشۇنداق بىر پونكىتتىن يەنە بىر پونكىتقا يوللاپ بېرىش ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىكرو دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىش بولسا مىكرو دولقۇنلۇق كۈچ ئۇلاپ ئالاقىلىشىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىكرو دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىشنى ئىشلىتىش ناھايىتى ئاۋارىچىلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بار. مىكرو دولقۇننىڭ چاستوتىسى يۇقىرى، تارقىلىش سىغىمى چوڭ. بىر مىكرو دولقۇن ئاپپاراتى100 −1000 يوللۇق تېلېفون ياكى بىر يوللۇق تېلېۋىزىيىنى تارقىتالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر مىكرو دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىشنىڭ غول لىنىيىسىدە بىرنەچچە مىكرو دولقۇن ئاپپاراتىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. چوڭ سىغىملىق ئورتاق ئوقلۇق ئېلېكتر كابېللىق يۈكلىمە دولقۇن ئارقىلىق ئالاقىلىشىشكە سېلىشتۇرغاندا، مىكرو دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىشنى قۇرۇش سۈرئىتى تېز، تەننەرخى ئەرزان بولۇش بىلەن، ئۇنىڭدا كۆپ مىقداردا مىسنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، يەنە كابېل ئورناتقىلى بولمايدىغان ئېگىز تاغ، ئارال، كۆل قاتارلىق رايونلاردىن ئۆتۈش ئاسان. ئۇنىڭدىن باشقا، مىكرو دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىشنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاشچانلىقى قىسقا دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىشنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى. ئىلغار مىكرو دولقۇنلۇق ئارىلىق پونكىتلىرىغا ئادەم قاراشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلار كومپيۇتېر ئارقىلىق نازارەت قىلىنىپ تىزگىنلىنىدۇ، كاشىلا چىققان چاغدا ئۆزلۈكىدىن ئالمىشىدۇ، ئۆزلۈكىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ئاندىن ئادەم ئەۋەتىپ رېمونت قىلىشقا بولىدۇ. كۈچ ئۇلاپ ئالاقىلىشىشتىكى نۇرغۇن ئارىلىق پونكىتى قۇرۇش ئاۋارىچىلىكىنى يېڭىش ئۈچۈن، ھازىر يەنە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئالاقىلىشىش بارلىققا كەلدى.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
مىكرو دولقۇنلۇق كۈچ ئۇلاپ ئالاقىلىشىش | UyghurWiki | UyghurWiki