ئېلېكتر كۆز
ئېلېكترون بىلىملىرى
بەزى غىزالىنىش سارايلىرى ۋە مېھمانسارايلارنىڭ چوڭ ئىشىكلىرى مېھمان يېقىنلاشقان چاغدا ئاپتوماتىك (ئۆزلۈكىدىن) ئېچىلىپ، مېھمان يىراقلاشقان چاغدا ئاپتوماتىك يېپىلىدۇ، بۇ، «ئېلېكتر كۆز» ئورنىتىلغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئېلېكتر كۆزنىڭ رەسمىي نامى فوتو باتارېيە .
ئېلېكتر كۆزدە سېلېن سۈركەلگەن چەمبەر شەكىللىك بىر پارچە پلاستىنكا بار بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتىغا ئىنتايىن نېپىز بولغان مېتال پلاستىنكا يېپىلغان. نۇر مېتال پلاستىنكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دۈگىلەك تۆشۈك ئارقىلىق ئۆتۈپ سېلېن پلاستىنكىنىڭ ئۈسىتىگە چۈشكەن چاغدا، ئېلېكترونلار سېلېننىڭ يۈزىدىن چىقىپ مېتال پلاستىنكىغا بارىدۇ، نەتىجىدە بىر ئاجىز توك ھاسىل بولىدۇ. بۇ توك ئىنتايىن نازۇك بولغان بىر ئۇلىغۇچ، يەنى رېلېغا تەسىر قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن تۇتىشىپ تۇرغان يەنە بىر ئېلېكتر زەنجىرىدە چوڭراق توك ھاسىل قىلىدۇ، نەتىجىدە بىر كىچىك ماتور ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىشىكنى ئېچىش ياكى يېپىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدۇ.
ئېلېكتر كۆزنى ئائىلىلەردە ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش قوڭغۇرىقى ۋە ھەر خىل ئالدىن ئاھلاندۇرۇش قۇرۇلمىسى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇنداق ئورۇنلاردا ئىشلەتكەن چاغدا، فوتو باتارېيىدىكى سېلېننىڭ يۈزىگە دائىم مۇقىم بىر نۇر چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر بىرەر ئوغرى بۇ نۇرنى توسۇپ قالسا، ئېلېكتر كۆزدە ھاسىل بولغان توك ۋاقتىنچە ئۈزۈلۈپ، رېلېنىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن، قوڭغۇراق جاراڭلاپ كېتىدۇ.
مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە ياتاق رايونلىرىغا ئېلېكتر كۆز ئورنىتىلىپ، توك يولى ئارقىلىق نۆۋەتچىخانىغا ئۇلانسا ھەمدە ھەرقايسى ئېلېكتر كۆزنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئۆيگە نومۇر بەلگىلەنسە، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ياكى ئىشقا چىقىشنىڭ ئالدىدا، ئۇ يەرلەردە ھەرقانداق بىر ئادەم ھەرىكەتلىنىپ قالسا، ئاگاھلاندۇرغۇچ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىدۇ - دە، قوغدىغۇچى خادىملار دەرھال يېتىپ بارىدۇ. مانا بۇ ئاممىۋى ئاگاھلاندۇرغۇچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.