ستېرېئو رەڭلىك تېلېۋىزور
ئېلېكترون بىلىملىرى
بۇ خىل تېلېۋىزورنىڭ ئېكرانىدىكى تەسۋىر بىر تەكشىلىكتە بولماستىن، بەلكى ستېرېئو (مۇئەللەق) بولۇپ، كۆرگۈچى خۇددى ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ.
ستېرېئولۇق تېلېۋىزورنى كۆرگەن چاغدا نېمە ئۈچۈن «ستېرېئولۇق تۇيغۇ» ھاسىل بولىدۇ؟ بىز ئالدى بىلەن بىر تەجرىبە ئىشلەيلى: ئىككى دانە فوتو ئاپپاراتنىڭ ئارىلىقىنى تەخمىنەن6 سانتىمېتىر قىلىپ ئىككى جايغا قويۇپ بىر مەنزىرىنى بىرلا ۋاقىتتا تارتىپ سۈرىتىنى چىقىرايلى، ئەگەر بۇ ئىككى رەسىمگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا قارىساق، ئۇ ھالدا پەقەت تەكشىلىكتىكى سۈرەت كۆرۈنىدۇ. لېكىن، بۇ ئىككى پارچە سۈرەتنى قاتار قويۇپ، ئوتتۇرىسىغا بىر كىتابنى تىكلەپ قويساق، ئاندىن بىرلا ۋاقىتتا ئىككى كۆزىمىز بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇ ئىككى پارچە رەسىمگە قارىساق، رەسىمدىكى مەنزىرە ئالدىمىزدا خۇددى تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى، ئادەمنىڭ ئىككى كۆز قارىچۇقى ئارىسىدىكى ئارىلىق تەخمىنەن6 سانتىمېتىر بولۇپ، ھەرقانداق بىر مەنزىرىنىڭ سول كۆز بىلەن ئوڭ كۆزگە كۆرۈنۈشى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇ خىل «ستېرېئولۇق كۆرۈنۈش پەرقى» ئادەمدە ستېرېئولۇق سەزگۈ پەيدا قىلىدۇ.
ئەڭ ئاددىي ستېرېئولۇق رەڭلىك تېلېۋىزور مۇشۇ پرىنسىپقا ئاساسەن ياسالغان. ئۆزئارا بەلگىلىك ئارىلىقتا تۇرغان ئىككى تېلېكامېرا ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا تەسۋىر ئېلىپ، ئاندىن ئېلىنغان ئىككى خىل يەككە رەڭلىك كۆرۈنۈشنى، مەسىلەن، قىزىل بىلەن يېشىل ياكى قىزىل بىلەن كۆك رەڭلىك كۆرۈنۈشنى بىر لېنتىغا ئېلىپ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق تارقاتساق، ئۇنى ئادەتتىكى رەڭلىك تېلېۋىزور قوبۇل قىلغاندا، ئېكراندا قىزىل - يېشىل (ياكى قىزىل - كۆك) ئىككى خىل رەڭلىك تەسۋىرنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان كۆرۈنۈش شەكىللىنىدۇ. تاماشىبىنلار پەقەت ستېرېئولۇق كىنو كۆرگەندىكىگە ئوخشاش قوش رەڭلىك كۆزەينەك تاقاپ كۆرسە، ستېرېئو تەسۋىرلەرنى كۆرەلەيدۇ.
بۇ خىل ستېرېئو تېلېۋىزىيە تېخنىكىسى گەرچە ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن يېتەرسىز يېرى شۇكى، كۆرۈنگەن ستېرېئو تەسۋىرلەر خىلمۇخىل رەڭلىك بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆرگەن چاغدا بىر ئالاھىدە كۆزەينەك تاقاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇ كۆزنى ئاسان چارچىتىپ قويىدۇ ھەمدە ناھايىتى قۇلايسىز بولىدۇ.
ئالىملار ستېرېئو فوتو سۈرەتتىن ئىلھام ئېلىپ، ئادەملەر كۆزى بىلەن بىۋاسىتە كۆرەلەيدىغان رەڭلىك ستېرېئو تېلېۋىزىيىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بەزى يېڭى يىل ئاتكرىتكىلىرى ياكى سۇلياۋ سىزغۇچلارنىڭ ئۈستىدە ستېرېئو فوتو سۈرەتلەر بولىدۇ، يېقىن ئەكېلىپ قارىساق، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى يول - يول تىك ئىزلارنى كۆرىمىز. ئەمەلىيەتتە، بۇلار يۇمىلاق يايسىمان سىلىندىر يۈزلەر بولۇپ، بۇلار ئىككى پارچە سۈزۈك سۇلياۋنىڭ ئۈستىگە زىچ قىلىپ ئويۇلغان، بۇنىڭدىن قوش كۆپۈنگۈ لىنزىلىق ئېكران شەكىللىنىدۇ. نۇر يۇمىلاق ياي شەكىللىك يۈزگە چۈشكەن چاغدا، ئىككى قاتلانغان تەسۋىر شەكىللىنىدۇ، بۇ نۇر يەنە بىر يۇمىلاق ياي يۈزدىن سۇنۇپ چىققان چاغدا، ئىككى تەسۋىرنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا سول كۆز بىلەن ئوڭ كۆزگە يوللاپ بېرىپ، ئىككى كۆزنىڭ تەسۋىرگە نىسبەتەن كۆرۈش پەرقىنى ساقلاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ستېرېئو تەسۋىر ھاسىل بولىدۇ.
بۇ خىل رەڭلىك ستېرېئو تېلېۋىزورغا قوش كۆپۈنگۈ لىنزىلىق ئېكران ئورنىتىلغان بولىدۇ. تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ئۆزئارا بەلگىلىك ئارىلىقتا تۇرغان ئىككى تېلېكامېرا ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا ئېلىنىپ، ئايرىم - ئايرىم ئىككى يول سىگنال بويىچە تارقىتىلىدۇ، تېلېۋىزوردا بولسا ئىككى تەسۋىر قوبۇل قىلىنىدۇ، قوش كۆپۈنگۈ لىنزىلىق ئېكران ئۆزىگە چۈشكەن ئىككى تەسۋىرنى سۇندۇرۇپ كۆرگۈچىنىڭ سول كۆزى بىلەن ئوڭ كۆزىگە چۈشۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ستېرېئو تەسۋىر شەكىللىنىدۇ.