ئەقلىي ئىقتىدارلىق خالتا قوبۇل قىلىش ۋە سېلىش ماشىنىسى
ئېلېكترون بىلىملىرى
بۇ بىر خىل ئاجايىپ تارازا بولۇپ، خالتا ياكى باسما ماتېرىياللار تارازىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ، كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ۋە سېلىنىدىغان يەرنىڭ پوچتا نومۇرى بېسىلسا، ئۇ ئاپتوماتىك ھالدا خالتا ھۆججىتىنى بېسىپ چىقىرىدۇ، بۇ ھۆججەت خالتىنىڭ ئېغىرلىقى، يەككە باھاسى ۋە تېز يوللانما، تەننەرخى قاتارلىق خالتىنىڭ ھەر خىل ھەقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل تارازا ئەقلىي ئىقتىدارلىق خالتا قوبۇل قىلىش ۋە سېلىش ماشىنىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق خالتا قوبۇل قىلىش ۋە سېلىش ماشىنىسى بولسا ئېلېكترونلۇق تارازا، مىكرو تىپلىق كومپيۇتېر ۋە كۆرسەتكۈچتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. ئېلېكترونلۇق تارازىدا كۈچ ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب بار بولۇپ، ئۇ مېتال ماتېرىيال بىلەن ئۆتكۈزگۈچ سىمنىڭ كۈچكە ئۇچرىغاندا دىفورماتسىيىلىنىشى (شەكىل ئۆزگەرتىشى) گە ئاساسەن، خالتا ئېغىرلىقىغا ئوڭ تاناسىپ بولغان ئېلېكتر سىگنالىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ سىگنال كۈچەيتىلىپ بىرتەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن كومپيۇتېرغا يوللاپ بېرىلىدۇ، كومپيۇتېر بولسا خالتىنىڭ ئېغىرلىق سانىنى »خاتىرىلەپ« قويىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىدىن پوچتا نومۇرىنى كىرگۈزۈش، كومپيۇتېرغا خالتا سېلىنغان جاينىڭ يىراقلىقى قانچە كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنگە باراۋەر بولىدۇ. ھەربىر كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى خالتىنى1 كىلومېتىر يىراقلىققا توشۇشنىڭ ھەققى ئالدىنئالا كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئەمدى ئۇنىڭغا كىلومېتىر سانى بېرىلسىلا، كومپيۇتېر ئاددىي كۆپەيتىش ئەمىلىنى قوللىنىپلا، ئاپتوماتىك ھالدا ماس بولغان يەككە باھاسىنى چىقىرىپ قويىدۇ.
كومپيۇتېرنىڭ ئىچىدە پوچتا ھەققىنى ھېسابلاش فورمۇلىسى بار بولۇپ، كومپيۇتېر ئېغىرلىقى، يەككە باھاسى ۋە خالتىنىڭ تۈرى قاتارلىق رەقەملىك سىگناللارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ماس بولغان ئارىفمېتىكىلىق فورمۇلىغا ئاساسەن، ئېلىشقا تېگىشلىك پوچتا ھەققىنى ناھايىتى تېزلا ھېسابلاپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ سىگنالنى كۆرسەتكۈچ بىلەن بېسىش ماشىنىسىغا يوللاپ بېرىدۇ. كۆرسەتكۈچ بولسا خالتىنىڭ ئېغىرلىقى، يەككە باھاسى ۋە پوچتا ھەققىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تۈرلۈك مەزمۇننى تىجارەت خادىمى بىلەن خېرىدارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىدۇ، بېسىش ماشىنىسى بولسا ئېغىرلىقى، يەككە باھاسى، پوچتا ھەققى ھەمدە سېلىنغان ۋە قوبۇل قىلىدىغان جاينىڭ پوچتا نومۇرى قاتارلىقلارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا خالتا ھۆججىتىگە بېسىپ چىقىرىدۇ.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق خالتا قوبۇل قىلىش ۋە سېلىش ماشىنىسى ئېلېكترونلۇق تارازا پرىنسىپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئاساسەن بارلىققا كەلگەن. ئۇ ئېلېكترونلۇق تارازىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت ئىقتىدارىغا ئىگە. مەسىلەن، پوچتا ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئادەتتىكى خالتىلارنىڭ ئېغىرلىقى5 كىلوگرامدىن ئېشىپ كەتسە، تاۋار خالتا ھېسابىدا بىرتەرەپ قىلىنىشى كېرەك. كومپيۇتېر5 كىلوگرامدىن ئېشىپ كەتكەن ئېغىرلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئاپتوماتىك ھالدا تاۋار خالتا ھەققى فورمۇلىسى بويىچە ھېسابلايدۇ ھەمدە تىجارەت خادىمىنىڭ ھەق ھېسابلاشتا خاتالىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پوچتا ھەققى ئاشۇرۇلغانلىقىنىڭ بەلگىسىنى خالتا ھۆججىتىگە بېسىپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قوبۇل قىلىش ۋە سېلىش ماشىنىسى يەنە كومپيۇتېر ئارقىلىق پۈتۈن كۈندە سېلىنغان ۋە قوبۇل قىلىنغان خالتا سانىنى خاتىرىلەيدۇ، ھېساباتنى بوغقان چاغدا، ئۇ تىجارەت خادىمىغا ۋاكالىتەن، بىر كۈندە قانچە خالتا سېلىنغان ۋە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، جەمئىي قانچىلىك پوچتا ھەققى ئېلىنغانلىقىنى ئىپادىلەپ كۆرسىتىدۇ.