UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىقوغدىغۇچى يەر سىمى

قوغدىغۇچى يەر سىمى

ئېلېكترون بىلىملىرى مېتال قېپى بار نۇرغۇن ئائىلە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىدە، ئوت سىم بىلەن نۆل سىمدىن ئىبارەت ئىككى تال توك مەنبە سىمى بار بولغاندىن تاشقىرى، يەنە ئۈچىنچى بىرتال سىم بار بولىدۇ. بۇ ئۈچىنچى تال توك سىمىنىڭ بىر ئۇچى ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىنىڭ مېتال سىرتقى قېپىغا ئۇلىنىدۇ، يەنە بىر ئۇچى بولسا سۇ تۇرۇبىسى ياكى ئۈچ پۇتلۇق چاتقۇچنىڭ (شتېپسېلنىڭ) ئۇزۇن پۇتى ئارقىلىق يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن مېتال جىسىمغا ئۇلىنىدۇ، بۇ ئۆتكۈزگۈچ سىم قوغدىغۇچى يەر سىمىدىن ئىبارەت. نېمە ئۈچۈن قوغدىغۇچى يەر سىمى ئۇلىنىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، توك شامالدۇرغۇچ، توك دەزمال، كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ قاتارلىق ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سىرتقى قېپى مېتالدىن ياسالغان بولۇپ، ئۇلار توك ئۆتكۈزەلەيدۇ. گەرچە توك بىۋاسىتە سىرتقى قاپتىن ئۆتمەيدىغان، ئادەتتە پەقەت ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىدىكى كاتۇشكىنىڭ ئىچىدىنلا ئۆتىدىغان، كاتۇشكىنىڭ سىرتقى يۈزى يەنە توك ئۆتكۈزمەيدىغان ماتېرىيال ئارقىلىق قاپلىنىپ، توك ئۆتۈۋاتقان كاتۇشكا بىلەن سىرتقى قاپنىڭ ئارىسى ناھايىتى ياخشى ئىزولياتسىيىلەنگەن (توك ئۆتكۈزمەس قىلىنغان) بولسىمۇ، لېكىن كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىپ، ئىچكى قىسىمدىكى توك سىمىنىڭ توك ئۆتكۈزمەس قېپى بۇزۇلۇپ كەتسە، توك مېتال قاپتىن ئۆتىدىغان بولۇپ قالىدۇ - دە، ئادەم بەدىنى ئۇنىڭغا تەگكەن چاغدا، توك سوقۇشتىن يارىلىنىش ياكى ئۆلۈش ھادىسىلىرى كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئۈسكۈنىلەرگە يەر سىمى ئۇلانسا، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىدىن توك قاچىدىغان بولۇپ قالغاندا، توك يەر سىمى ئارقىلىق ئېقىپ يەرگە كىرىپ كېتىدۇ. بۇ خۇددى ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىگە «بىخەتەرلىك تاسمىسى» تاقاپ قويغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ چاغدا ئادەم بەدىنى سىرتقى قاپقا تېگىپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭدىن خەتەر كېلىپ چىقمايدۇ. قوغدىغۇچى يەر سىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى ناھايىتى مۇھىم. مۇتلەق بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن، يەر سىمىنىڭ ئېلېكتر قارشىلىقى چوقۇم ناھايىتى كىچىك بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئېلېكتر قارشىلىقى ناھايىتى كىچىك بولمىسا، ھەتتا توك ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ئادەم بەدىنىنىڭكىدىن ئانچە پەرقلەنمىسە، ئۇ چاغدا بىر قىسىم توك يەنىلا ئادەم بەدىنى ئارقىلىق ئۆتۈپ يەرگە كىرىپ كېتىدۇ - دە، يەنىلا خەتەرلىك بولۇپ قالىدۇ. سۇ تۇرۇبىلىرى توك ئۆتكۈزگۈچى جىسىم (ئۆتكۈزگۈچ) بولۇپ، ئېلېكتىر قارشىلىقى ناھايىتى كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە خېلى چوڭقۇر يەر ئاستىغا كۆمۈلىدۇ، شۇڭا ئۇ كۆڭۈلدىكىدەك »يەرگە تۇتاشتۇرغۇچى جىسىم« ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۆيدە سۇ تۇرۇبىسى بولمىسا، ئۇ ھالدا تۆمۈر تۇرۇبا ياكى قىرلىق پولات (بۇلۇڭ شەكىللىك پولات) قاتارلىق مېتال ماتېرىياللاردىن مۇۋاپىق ئۇزۇنلۇقتا كېسىۋېلىپ، ئۇنى2 مېتىردىن ئارتۇق چوڭقۇرلۇقتىكى يەرگە كۆمۈپ، ئاندىن ئۇنى تومراق ئۆتكۈزگۈچ سىم ئارقىلىق ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىنىڭ سىرتقى قېپىغا ياكى چېتىلغۇچ (روزېتكا) قا ئۇلاش كېرەك. قوغدىغۇچى يەر سىمى بىلەن توك مەنبەسىنىڭ نۆل سىمى (بۇرۇن يەر سىمى دەپ ئاتالغان) نىڭ ھەر ئىككىلىسى گەرچە «يەر» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككىسىنى ھەرگىزمۇ بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. دائىم يۆتكەپ تۇرىدىغان ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى، ئەڭ ياخشىسى ئۈچ سىملىق چاتقۇچ ۋە چېتىلغۇچلار ئارقىلىق قوغدىغۇچى يەر سىمىغا تۇتاشتۇرۇش كېرەك. ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىنىڭ سىرتقى قېپىدىن چىقىرىلغان قوغدىغۇچى يەر سىمىنى چاتقۇچنىڭ تومراق ۋە ئۇزۇنراق پۇتىغا ئۇلاش، يەرگە كۆمۈلگەن جىسىم (يەرگە تۇتاشتۇرغۇچى جىسىم) دىن چىقىرىلغان ئۆتكۈزگۈچ سىمنى چېتىلغۇچنىڭ چوڭراق تۆشۈكىگە ئۇلاش كېرەك. ھەرگىزمۇ ئۆتكۈزگۈچ سىم ئارقىلىق قوغدىغۇچى يەر سىمى بىلەن توك مەنبەسىنىڭ نۆل سىمىنى بىر - بىرىگە ئۇلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر خاتا ھالدا ئۇلاپ قويۇلسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە چېتىلغۇچ ئىچىدىكى توك مەنبەسىنىڭ نۆل سىمى ئۈزۈلۈپ كەتسە، ئوت سىمدىكى توك ئەسلىدە سېلىشقا تېگىشلىك بولمىغان بۇ «كۆۋرۈك» ئارقىلىق ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىنىڭ سىرتقى قېپىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ - دە، ئەسلىدە توك قاچمايدىغان ئېلېكتر ئۈسكۈنىسى توك قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
قوغدىغۇچى يەر سىمى | UyghurWiki | UyghurWiki