UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىئورتاق ئانتېننىلىق تېلېۋىزىيە ۋە سىملىق تېلېۋىزىيە

ئورتاق ئانتېننىلىق تېلېۋىزىيە ۋە سىملىق تېلېۋىزىيە

ئېلېكترون بىلىملىرى ئەسلىدە پەقەت شۇ يەرنىڭ ئىككى - ئۈچ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭلا نومۇرلىرىنى قوبۇل قىلالايدىغان تېلېۋىزور ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئانتېننىغا ئۇلانسا، سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىراقتىكى تېلېۋىيە ئىستانسىلىرىنىڭ نومۇرلىرىنى قوبۇل قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى ۋە سىنئالغۇ فىلىملىرىنىمۇ كۆرەلەيدۇ. ئورتاق ئانتېننىلىق تېلېۋىزىيە بولسا، بارلىق ئائىلىلەرنىڭ ئۆي سىرتىدىكى ئانتېننىلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يۆنىلىشلىك ئانتېننا ۋە سۈنئىي ھەمراھ يەر يۈزى ئانتېننىسىنى ئورۇنلاشتۇرغانغا تەڭداش بولىدۇ. بۇ ئانتېننىلار ئۆزىنىڭ »ئالاھىدىلىكى« گە ئاساسەن، مەلۇم بىر ئالاھىدە تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ياكى سۈنئىي ھەمراھقا توغرىلانسا، قوبۇل قىلىدىغان سىگنالى كۈچىيىدۇ ھەمدە ئۆزئارا بىر - بىرىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. قوبۇل قىلىنغان ھەر خىل تېلېۋىزىيە سىگناللىرى ئېلېكتر كابېلى ياكى نۇر (يورۇقلۇق) كابېلى ئارقىلىق ھەرقايسى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ، شۇڭا سىملىق تېلېۋىزىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىملىق تېلېۋىزىيىدە يەنە كۈچەيتكۈچ بىلەن مودولياتور (تىزگىنلىگۈچ) ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ. كۈچەيتكۈچ بولسا بىر «تىڭشىغۇچ» قا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ، تېلېۋىزىيە سىگنالىنى كۈچەيتىپ سىگنال كۈچىنى ۋە سۈپىتىنى تېلېۋىزور قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان دەرىجىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. مودولياتور بىر «تەرجىمان» غا ئوخشاش بولۇپ، يۇقىرى چاستوتا قانىلىدىكى تېلېۋىزىيە سىگنالىنى «تەرجىمە» قىلىپ1 - دىن12 - چاستوتا قانىلىغىچە بولغان سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ؛ ھەركىم ئۆزى ئىشلىگەن نومۇرلار ھەم سىنئالغۇنىڭ تەسۋىرى ۋە ئاۋاز سىگناللىرىمۇ مۇشۇ مودولياتور ئارقىلىق «تەرجىمە» قىلىنىپ تېلېۋىزور قوبۇل قىلالايدىغان مەلۇم بىر چاستوتا قانىلىدىكى سىگنالغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئۇنداق بولسا، بىر تال كابېل نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن قانالدىكى تېلېۋىزىيە سىگناللىرىنى ياكى سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسى ۋە سىنئالغۇ سىگناللىرىنى مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ؟ ئەسلىدە، ئىنژېنېرلار ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئانتېننا سىستېمىسىغا «ئارىلاشتۇرغۇچ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۈسكۈنىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئارىلاشتۇرغۇچ نۇرغۇن ياتاقلىرى بار بىر مېھمانسارايغا ئوخشايدۇ، بارلىق قانالدىكى تېلېۋىزىيە سىگناللىرى مۇشۇ مېھمانساراينىڭ ھەرقايسى ياتاقلىرىغا ئايرىم - ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تېلېۋىزورلارنىڭ قانال كۇنۇپكىلىرى (ياكى بۇرىغۇچلىرى) مېھمانسارايدىكى ھەربىر ياتاقنىڭ ئاچقۇچىغا ئوخشايدۇ، قايسى قانالنىڭ كۇنۇپكىسى بېسىلسا، شۇ قانالنىڭ «ياتاق ئىشىكى» ئېچىلىدۇ - دە، تېلېۋىزىيە سىگنالى كابېل ئارقىلىق مېڭىپ تېلېۋىزور ئېكرانىغا چىقىدۇ. سىملىق تېلېۋىزىيە سىگناللىرى سىمسىز تېلېۋىزىيە سىگناللىرىغا ئوخشاش «تاغ - دەريا» لاردىن ھالقىپ ئۆتمەيدۇ، يەر شەكلى ۋە ئېگىز قۇرۇلۇشلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىمايدۇ، ھاۋا رايى ۋە باشقا ئېلېكتر دولقۇنلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، كاشىلىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، سۈپىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىخەتەر ھەم ئىشەنچلىك بولۇپ، سىرتقا ئانتېننا ئورنىتىشنىڭ، چاقماقنىڭ كاشىلا قىلىشىغا ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
ئورتاق ئانتېننىلىق تېلېۋىزىيە ۋە سىملىق تېلېۋىزىيە | UyghurWiki | UyghurWiki