ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاق
ئېلېكترون بىلىملىرى
بۇ، ئوتى يوق بىر خىل ئوچاقتىن ئىبارەت بولۇپ، توك مەنبەسىگە ئۇلىغاندىن كېيىن، ئوچاق ئۈستىدىكى قازان ناھايىتى تېزلا قىزىيدۇ. قازان ئىچىدىكى قورۇمىلار »چاراسلاپ« قورۇلۇۋاتقان چاغدا، قولىمىزنى ئوچاقنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزسەك ھېچقانداق ئىسىسىقلىقنى سەزگىلى بولمايدۇ. قورۇمىلار قورۇلۇۋاتقان قازاننىڭ تېگىگە بىر ۋاراق ئاق قەغەزنى قىستۇرپ قويساقمۇ، ئۇ كۆيۈپ كەتمەيدۇ. ئۇنداق بولسا بۇ خىل ئوچاق نېمىگە تايىنىپ قورۇمىلارنى قورۇپ، تاماقلارنى پىشۇرىدۇ؟
ئەسلىدە ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاقنىڭ يۈز تاختىسىنىڭ ئاستىغا مېتال ئۆتكۈزگۈچ سىملارنى ئوراش ئارقىلىق ياسالغان كاتۇشكىلار جايلاشتۇرۇلغان بولىدۇ. ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز بولغان ئۆزگىرىشچان توك ئۆتكەن چاغدا، ئوچاقنىڭ يۈز تاختىسى بىلەن تۆمۈردىن ياسالغان قازان تېگى ئارىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك ئۆزگىرىشچان ماگنىت مەيدانى ھاسىل بولىدۇ. ماگنىت كۈچ سىزىقلىرى قازان تېنىدىن ئۆتكەندە، قازان تېگىنىڭ ئىچىدە كۆپ مىقداردا كۈچلۈك قاينام توك ھاسىل قىلىدۇ. قاينام توك قازان ماتېرىيالىنىڭ ئېلېكتر قارشىلىقىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغاندا، كۆپ مىقداردا ناھايىتى يۇقىرى ئىسسىقلىق چىقىرىپ، تاماقلارنى پىشۇرىدۇ.
ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاق ھاسىل قىلغان ئۆزگىرىشچان ماگنىت مەيدانى يەنە مېتال قازاننىڭ مولېكۇلىلىرىنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلدۇرۇپ، مولېكۇلىلار ئارىسىدىكى سۈركىلىشتىنمۇ ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدۇ.قاينام توك ئىسسىقلىقى بىلەن مولېكۇلىلار ھەرىكىتىنىڭ ئىسسىقلىقى بىۋاسىتە قازان تېنىنىڭ ئۆزىدە ھاسىل بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئېنېرگىيىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن بولىدىغان زىيان ئاساسەن بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئېلېكتىر ماگنىتلىق ئوچاقنىڭ ئىسسىقلىق ئۈنۈمى %80 كە يېتىپ بارىدۇ، بۇ، كۆمۈر گازى ئوچىقىنىڭكىدىن تەخمىنەن بىر ھەسسە يۇقىرى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزدۇرۇشى تەكشى، پىشۇرۇشى تېز ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيىنى تېجەپ ئىشلىتىشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.
ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاق قازان دىۋارلىرىنى بىۋاسىتە ئىندۇكسىيىلەپ قىزدۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قازاننىڭ ماتېرىيالى چوقۇم تۆمۈرگە ئوخشاش ماگنىتلىق جىسىم بولۇشى كېرەك، ئەينەك، فارفور، ئاليۇمىن ۋە مىستىن ياسالغان قازانلارنى ئومۇمەن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. لېكىن، ئاليۇمىن، مىس قازانلارنىڭ تېگىنى بىر قەۋەت تۆمۈر بىلەن قاپلاپ ئېلېكتر ماگنىتلىق ئىندۇكسىيە ئارقىلىق قىزدۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بەزىلەر ئۇستىلىق بىلەن ئەينەك قازاننىڭ تېگىگە نېپىز بىر قەۋەت كۈمۈش سۇۋاق سۈركەپ، ئاندىن ئۇنىڭ سىرتىنى توك ئۆتكۈزمەيدىغان بىر قەۋەت ئەينەك سۇۋاق بىلەن قاپلاپ، ئاندىن ئۇنى تۆمۈر قازان ئورنىدا ئىشلەتكەن.
ئېلېكتر ماگنىتلىق قازاندا قورۇمىلارنى قورۇش، پىشۇرۇش، ھورداش، دۈملەش، مايدا قورۇش، مايدا پىشۇرۇش، سۇدا پىشۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغىلى بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان پىشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللانغان چاغدا، كاتۇشكىدىن ئۆتكەن توكنىڭ كۈچلۈك − ئاجىزلىقىنى تەڭشىسەكلا، تېمپېراتۇرىنى ئۆرلەتكىلى ياكى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاقنى ئىشلەتكەن چاغدا، رادىئاتسىيىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دىئامېتىرى3 مېتىر بولغان دائىرە ئىچىگە تېلېۋىزور، رادىئو قوبۇللىغۇچ ۋە سىنئالغۇ قويۇشقا بولمايدۇ.