مېتال پۇل سالىدىغان تېلېفون ۋە ماگنىت كارتىلىق تېلېفون
ئېلېكترون بىلىملىرى
بىر خىل تېلېفون بار بولۇپ، ئۇنى ئىشلەتكەن چاغدا پەقەت بەلگىلەنگەن مىقداردىكى مېتال (تەڭگە) پۇلنى سالساقلا، نومۇرنى بېسىپ قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلەشكىلى بولىدۇ. مانا بۇ مېتال پۇل سالىدىغان تېلېفوندىن ئىبارەت.
بۇ خىل تېلېفوننىڭ ئىچىدە ئېلېكترون زەنجىرى بار بولۇپ، ئۇ رېلې دەپ ئاتىلىدىغان توك مەنبە ئۇلىغۇچىغا ئۇلانغان بولىدۇ، ئۇ مېتال پۇلنىڭ ئېغىرلىقىغا تايىنىپ تېلېگراف نومۇرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئېچىلىدۇ. پەقەت سېلىنغان مېتال پۇل مۇۋاپىق بولسىلا، تېلېفوننىڭ توك مەنبەسى ئۇلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ۋاقىت بەلگىلەش قۇرۇلمىسىمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ، ۋاقىت توشقاندا ئاپتوماتىك ھالدا يېپىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشاي دەپ قالغاندا سۆزلەشكۈچى تېخى سۆزلىشىپ بولمىغان بولسا، چوقۇم يەنە مېتال پۇل سېلىشى كېرەك، شۇ چاغدىلا ئۇ داۋاملىق سۆزلىشەلەيدۇ.
ماگنىت كارتىلىق تېلېفون ئىككى ئېلېكترونلۇق قۇرۇلما ئارقىلىق تىزگىنلىنىدۇ، ئىشلەتكۈچى ئۈستىگە تېلېفون بېرىش قېتىم سانى ئىزاھلانغان بىر خىل ماگنىتلىق كارتىنى ئىشلىتىدۇ، ئۇ خۇددى بانكىغا پۇل سېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان كارتىغا ئوخشاش بولىدۇ. تېلېفون بېرىشتىن ئىلگىرى، ماگنىتلىق كارتا تېلېفون ئاپپاراتىغا قىستۇرۇپ كىرگۈزۈلىدۇ، بۇ چاغدا بىر ئېلېكترونلۇق تىزگىنلەش زەنجىرى ماگنىتلىق كارتىغا خاتىرىلەنگەن ئۇچۇرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدۇ، ئەگەر كارتىدا يەنە ئېشىپ قالغان سۆزلىشىش قېتىم سانى بار بولسا، ئۇ بىر تەرەپتىن ئېشىپ قالغان سۆزلىشىش قېتىم سانىنى ئىپادىلەپ كۆرسىتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن سۆزلىشىش لىنىيىسىنى (زەنجىرىنى) ئۇلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر ئېلېكترونلۇق تىزگىنلەش زەنجىرى سۆزلىشىش ۋاقتىغا ئاساسەن ئىپادىلەپ كۆرسىتىدىغان سۆزلىشىش قېتىم سانىنى تەدرىجىي ئازايتىپ، سۆزلىشىش ئاخىرلاشقان چاغدا، نەتىجىنى كارتا باشقۇرىدىغان تىزگىنلەش زەنجىرىگە خەۋەر قىلىدۇ، ئاپپارات ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىنكى ئېشىپ قالغان سۆزلىشىش قېتىم سانىنى ماگنىتلىق كارتىغا خاتىرىلەپ قويىدۇ ھەمدە ماگنىتلىق كارتىنى تېلېفون بەرگەن ئادەمگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
ئەگەر سۆزلىشىش جەريانىدا، ماگنىتلىق كارتىدىكى ئېشىپ قالغان سۆزلىشىش قېتىم سانى تۈگەي دەپ قالسا، تېلېفون ئاپپاراتى ئۈزۈلۈشتىن10 سېكۇنت ئىلگىرى ئالدىرىتىش ئاۋازىنى چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆرسىتىش كۆزنىكىدە رەقەم چاقنىغان سىگنالنى كۆرسىتىپ، تېلېفون بەرگۈچىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ