UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىكۆرۈنمە تېلېفون

كۆرۈنمە تېلېفون

ئېلېكترون بىلىملىرى تېلېۋىزىيە تېخنىكىسى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىشنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە، تېلېۋىزورلۇق تېلېفون پەيدا بولدى. بۇ خىل تېلېفوننى ئىشلەتكەن چاغدا، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ سۈرىتىنىمۇ كۆرەلەيدۇ. كۆرۈنمە تېلېفون ئادەتتە ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ: تېلېفون ئاپپاراتى، تېلېكامېرا (تەسۋىر ئېلىش ئاپپاراتى)، كۆزەتكۈچ. تېلېفون ئۇلانغاندىن كېيىن، كۆزەتكۈچنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان كىچىك تىپتىكى تېلېكامېرا ئىشلەشكە باشلاپ، سۆزلەشكۈچىنىڭ ئالاھىدە كۆرۈنۈشىنى قارشى تەرەپكە يوللاپ بېرىدۇ - دە، كۆزەتكۈچتە قارشى تەرەپنىڭ تەسۋىرى ھاسىل بولىدۇ. كۆرۈنمە تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىشنىڭ تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىشىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يېرى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ھەرىكەتلىك تەسۋىر سىگنالىنى يىراق جايغا يوللاپ بېرىدۇ. لېكىن، تېلېۋىزىيە تەسۋىرىنى يوللاشنىڭ ئىگىلىگەن چاستوتا دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، تېلېفوننىڭكىنىڭ مىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق بۇ خىل تېلېۋىزورلۇق تېلېفون يوللانسا، مىڭدىن ئارتۇق تېلېفون لىنىيىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ - دە، يوللاش ھەققى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆرۈنمە تېلېفون يوللايدىغان كۆرۈنۈش دائىم دېگۈدەك سۆزلەشكۈچىنىڭ چىراي شەكلى ياكى ئادەتتىكى تىنچ تەسۋىرى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر يېرىم مىنۇتتا بىر كۆرۈنۈشنى يوللىسىلا بولىدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن، كۆرۈنمە تېلېفون سىگنالىنىڭ چاستوتا دائىرىسى كۆپ تار بولۇپ، پەقەت تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىشىنىڭ مىڭدىن بىرىچىلىكلا بولىدۇ. بۇ خىل كۆرۈنمە تېلېفون پرويېكسىيە پانارىنىڭكىگە ئوخشاش پەقەت بىردىن - بىردىن ئاستا ئۆزگىرىدىغان تەسۋىرلەرنىلا يوللىيالايدۇ، شۇڭا ئاستا يايىدىغان كۆرۈنمە تېلېفون دەپ ئاتىلىدۇ. ئاستا يايىدىغان كۆرۈنمە تېلېفون تەسۋىر سىگنالىنى ئاۋاز چاستوتىلىق يۈكلىمە دولقۇنغا «قاچىلاپ»، ئۇنى چاستوتىسىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان سىگنالغا ئايلاندۇرىدۇ، ئاندىن يەنە سىگنال ئامپلىتۇدىسىنى تەڭشەش شەكلىنى قوللىنىپ، ئۇ سىگنالنى قىسقا دولقۇنلۇق يۈكلىمە دولقۇنغا »قاچىلاپ«، ناھايىتى تار ئاۋاز چاستوتىسى دائىرىسى ئىچىدە تېلېۋىزىيە تەسۋىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە يوللايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خىل تېلېۋىزىيە قىسقا دولقۇنلۇق ئاڭلىتىشقا ئوخشاش، ئىئونوسفېرا قەۋىتىدىن قايتىپ، تەسۋىر سىگنالىنى يەر شارىنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا يەتكۈزىدۇ. ئاستا يايىدىغان كۆرۈنمە تېلېفوندا ئاۋاز چاستوتىلىق يۈكلىمە دولقۇن ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ دەل ئادەتتىكى تېلېفوننىڭ چاستوتا دائىرىسىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۈچ تال ئادەتتىكى تېلېفون لىنىيىسى ئىشلىتىلسىلا، كۆرۈنمە تېلېفوننى يىراق ئارىلىققا يوللىغىلى بولىدۇ. ئاستا يايىدىغان كۆرۈنمە تېلېفوننىڭ ئىگىلەيدىغان لىنىيىسى ئاز، ئىشلىتىلىشى ناھايىتى تېجەشلىك، ئۇ تېلېفون يىغىنلىرىدا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق بولۇپ، ھەم ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى، ھەم ئادەمنى كۆرگىلى بولىدۇ. يەنە جەدۋەل، ھۆججەت، ئەمەلىي بۇيۇم قاتارلىقلارنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ؛ يەنە كان - كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆرۈنمە تېلېفون تورىنى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغىلى بولىدۇ؛ يەنە ئۈسكۈنىلىرى ئاددىي بولغان سۈرەتلىك ئالاقىلىشىش سۈپىتىدە، رەڭلىك تېلېۋىزورغا ئوخشاش، زامانىۋى ئائىلە سايمانلىرى قاتارىغا كىرگۈزگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى