UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىكومپيۇتېرلىق ئامانەت تورى ۋە تېلېفونلۇق بانكا

كومپيۇتېرلىق ئامانەت تورى ۋە تېلېفونلۇق بانكا

ئېلېكترون بىلىملىرى نۇرغۇن بانكىلاردا، ئامانەت ھېسابات دەپتىرىنىڭ ئورنىغا ماشىنا ئىشلىتىلىدىغان بولدى. ماشىنىغا تېلېۋىزور ئېكرانىغا ئوخشاش كۆرسىتىش ئېكرانى ئورنىتىلغان بولۇپ، خەت بېسىش ماشىنىسىنىڭكىگە ئوخشاش كۇنۇپكا تاختىسى سەپلەنگەن بولىدۇ، ماشىنىنىڭ ئاستىنقى تەرىپىدە يەنە بىر تار يوچۇق بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە بېسىش ماشىنىسى ئورنىتىلغان بولىدۇ. بۇ ماشىنا ئامانەت قويۇشتا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان تېرمىنال دەپ ئاتىلىدۇ، ھەرقايسى ئامانەت كاسسىلىرىنىڭ تېرمىناللىرىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق بىر - بىرىگە ئۇلىغاندا، كومپيۇتېرلىق ئامانەت تورىنىڭ ئورتاق پۇل قويۇش ۋە پۇل ئېلىش سىستېمىسى بارلىققا كېلىدۇ. پۇل ئامانەت كەسپىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق بېجىرگەندە ناھايىتى تېز بولىدۇ. بىر قىسىم پۇلنى قەرەلسىز ئامانەت قويماقچى بولساق، بانكا خادىملىرى كۇنۇپكا تاختىسىدىكى «قەرەلسىز»، «داۋاملىق» دېگەندەك كۇنۇپكىلارنى بېسىپ، ئاندىن ھېسابات نومۇرى، ئامانەت كىنىشكىسىدا قالغان قالدۇق، ئامانەت قويغان سوممىسى، ئۆسۈمنىڭ باشلىنىش ۋاقتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى بىرلىكتە كومپيۇتېرغا كىرگۈزسىلا، كومپيۇتېر سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇپ خاتاسىز ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، بىرنەچچە سېكۇنت ئىچىدىلا يالتىراق ئېكراندا«KO» دېگەن خەتنى كۆرسىتىپ، رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ چاغدا ئامانەت كىنىشكىسى تار يوچۇققا كىرگۈزۈلسە، بېسىش ماشىنىسى دەرھال كىنىشكىغا بېسىپ چىقىرىدۇ. پۈتۈن جەريانغا پەقەت بىر - ئىككى مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدۇ. پۇل ئامانەت قويۇشنى كومپيۇتېر ئارقىلىق بېجىرگەندە نېمە ئۈچۈن بۇنداق تېز بولىدۇ؟ ئەسلىدە كومپيۇتېردا ئامانەت قويۇشنىڭ ھېساباتى ھېسابات كارتىسىغا ياكى ھېسابات بېتىگە خاتىرىلەنمەيدۇ، بەلكى ئامانەت قويغۇچىنىڭ ھېساباتى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، بىر خىل ئالاھىدە «ھېسابات دەپتىرى» − ماگنىتلىق دىسكىغا خاتىرىلىنىدۇ. بۇ خىل ماگنىتلىق دىسكىغا نۇرغۇن ھېساباتلارنى خاتىرىلىگىلى بولىدۇ، بىر كىچىك تەخسىچىلىك ماگنىتلىق دىسكىغا1 مىليون نەپەر ئامانەت قويغۇچىنىڭ قەرەللىك ئامانىتىنىڭ ھېسابات نومۇرى، ئامانەت قويغان سوممىسى، ئامانەت قويغان چېسلاسى، ئامانەت قويغان يىل چېكى (قەرەلى)، ئۆسۈمى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلىگىلى بولىدۇ. ئامانەت قويغۇچى پۇل ئامانەت قويغان ياكى ئالغان چاغدا، كومپيۇتېر ناھايىتى تېزلا «ھېسابات دەپتىرى» دىن ئامانەت قويغۇچىنىڭ ھېسابات نومۇرىنى تېپىپ چىقىپ، ئامانەت قويغان سوممىسىنىڭ قالدۇقى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېكرانغا چىقىرىپ كۆرسىتىدۇ. بانكا خادىملىرىنىڭ ھېسابات كارتىسىنى ئىزدەش، قويغان پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى ھېسابلاش قاتارلىق ئىشلارنى ئىشلىشىنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق بولۇپ، پۇل ئامانەت قويۇش كەسپىنى بېجىرىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. كومپيۇتېر ئارقىلىق پۇل ئامانەت قويۇش ۋە ئېلىش بىخەتەر ھەم ئىشەنچلىك بولىدۇ، چۈنكى بانكىدىن پۇل ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم مەخپىي نومۇر «مۆھۈر» (تامغا) بولۇشى كېرەك. بۇ مەخپىي نومۇر «مۆھۈر» ئامانەت قويغۇچى ئۆزى تۈزگەن تۆت خانىلىق ساندىن تەركىب تاپىدۇ. مەسىلەن، سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز1981 - يىل6 - ئاي بولسا، سىز0816 ياكى8160 نى مەخپىي نومۇر قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. بانكا مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈش قۇرۇلمىسىنى نىسبەتەن يوشۇرۇن بولغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بولىدۇ، سىز ھېچقانداق ئادەمگە دېمەستىن، شۇنداقلا بانكا خادىملىرىغىمۇ بىلدۈرمەستىن، مەخپىي نومۇرىڭىزنى كىرگۈزىسىز. پۇل ئالىدىغان چاغدا، پەقەت كىرگۈزگەن مەخپىي نومۇرىڭىز توغرا بولسا، ئاندىن پۇل ئالالايسىز. كومپيۇتېردا ئامانەت قويۇش تورلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامانەت قويغۇچى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىر ئورۇندىن كومپيۇتېر ئامانەت كىنىشكىسىنى ئالسا، كېيىن بۇ تور ئىچىدىكى باشقا بانكا ياكى پۇل ئامانەت پونكىتىغا بېرىپ يەنە پۇل قويالايدۇ ياكى ئالالايدۇ. ھازىر بەزى بانكىلار ئىلغار بولغان كومپيۇتېرلاشقان تاۋۇش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، بانكىنىڭ كومپيۇتېر مەركىزىنى تېلېفون ئارقىلىق بىۋاسىتە پۇل ئامانەت قويغۇچىلارغا خىزمەت قىلدۇرىدىغان بولدى. ئامانەت قويغۇچى ئائىلىسىدە تۇرۇپ، باسما كۇنۇپكىلىق تېلېفوندا بانكا بەلگىلىگەن تېلېفون نومۇرىنى باسقاندىن كېيىن، تېلېفوندىكى تاۋۇش كۆرسەتمىسى بويىچە، دەرھال ھېسابات نومۇرى، مەخپىي نومۇر، كەسىپ ۋاكالەت نومۇرىنىڭ سانىنى باسسا، پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرى، ئامانەت چېكىنىڭ يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش، چاڭچېڭ كارتىسىنى بېجىرىش ھەمدە ھېساباتنى يۆتكەش ۋە ئۆي ئىجارىسى، گاز پۇلى، سۇ پۇلى، توك پۇلى قاتارلىقلارنى ۋاكالىتەن تۆلەش قاتارلىقلارنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ. مانا بۇ تېلېفونلۇق بانكىدىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
كومپيۇتېرلىق ئامانەت تورى ۋە تېلېفونلۇق بانكا | UyghurWiki | UyghurWiki