UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىكىرئالغۇ

كىرئالغۇ

ئېلېكترون بىلىملىرى مەيلى قايسى خىلدىكى كىرئالغۇ بولسۇن، ئۇلارنىڭ كىيىملەرنىڭ كىرىنى چىقىرىش پرىنسىپى كىيىملەرنى قول بىلەن يۇيغاندىكىگە ئوخشاش. بىر خىل دولقۇن چاق شەكىللىك كىرئالغۇ بار بولۇپ، كىر يۇيۇش تۇڭىنىڭ تېگىگە دىسكا شەكىللىك بىر دولقۇن چاق ئورنىتلغان بولىدۇ، دىسكىنىڭ ئۈستىدە تۆت تالدىن ئالتە تالغىچە كۆپۈپ چىققان قىرى بولىدۇ. ۋاقىت بەلگىلىگۈچنىڭ تىزگىنلىشى ئاستىدا، ئېلېكتر ماتور دولقۇن چاقنى بىردەم ئوڭغا، بىردەم سولغا ئايلاندۇرىدۇ، تۇڭ ئىچىدىكى سۇ ئېقىمىمۇ بىردەم ئوڭغا، بىردەم سولغا ئايلىنىدىغان قاينامنى ھاسىل قىلىپ، كىيىملەرنى ئوڭ - سولغا ئايلاندۇرىدۇ ۋە ئاستى - ئۈستىگە دومىلىتىدۇ. سۇ ئېقىمىنىڭ ئۇرۇلۇشى، كىيىملەر بىلەن كىيىملەر، كىيىملەر بىلەن دولقۇن چاق قىرى ۋە تۇڭ دىۋارى ئارىسىدىكى ئۆزئارا سوقۇلۇش ۋە سۈركىلىش قول بىلەن كىيىملەرنى مىجىش، سوقۇش تەسىرىگە ئوخشاش بولغانلىقتىن، كىيىمدىكى كىرلەر يۇيۇلۇپ چىقىپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، ئادەتتىكى دولقۇن چاقلىق كىرئالغۇنىڭ ئىچىدە ھاسىل بولغان قاينام كىيىملەرنى ئېغىر دەرىجىدە بىر - بىرىگە چىرمىۋەتكەچكە، كىرلەرنى يۇيۇش تەكشى بولمايلا قالماستىن، كىيىملەرنى ئاسان ئۇپرىۋېتىدۇ. شۇڭا، سۈپىتى يۇقىرى كىيىملەرنى يۇيۇشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. يېڭى ئېقىملىق كىرئالغۇلاردا دولقۇن چاقنىڭ شەكلىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ دىئامېتىرى180 −200 مىللىمېتىردىن چوڭايتىلىپ250 −300 مىللىمېتىرغا، ئايلىنىش تېزلىكى مىنۇتىغا300 −800 قېتىمدىن تۆۋەنلىتىلىپ150 −200 قېتىمغا كەلتۈرۈلدى. ئېگىز دولقۇن چاق شەكىللىك ۋە ئارىلاشتۇرغۇچ شەكىللىك يېڭى ئېقىملىق كىرئالغۇلاردا، سۇ ئېقىمى ئوڭ - سولغا ۋە ئاستى - ئۈستىگە دومىلايدىغانلىقتىن، كىيىملەر توڭ ئىچىدە چىرمىشىپ قالمايدۇ. ئويمان چاق شەكىللىك كىرئالغۇ ھەم ئەۋرىشىم، ھەم كۈچلۈك بولغان »يۈرەك« شەكىللىك سۇ ئېقىمى ھاسىل قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، كىيىملەر سۇ ئېقىمىغا ئەگىشىپ ئەركىن داۋالغۇپ، بىر تەكشى يۇيۇلىدۇ ھەمدە كىيىملەرنىڭ سۈركىلىشتىن ئۇپرىشى ئازىيىدۇ. دومىلىما تۇڭلۇق كىرئالغۇنىڭ سۇ قاچىلايدىغان بىر سىرتقى تۇڭى ۋە ئايلىنىدىغان بىر ئىچكى تۇڭى بار بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۇڭى ئايلانغان چاغدا، ئۇنىڭ كىيىملەرگە تېگىپ تۇرغان بىر قىسمى ئالدى بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، كىيىملەرنىڭ قالغان قىسمىنىڭ ھەرىكىتى سەل كېچىكىدۇ، بۇ خۇددىى كىيىملەرنى ئىككى قول بىلەن ئالدى - كەينىگە ئىشقىلىغان (سۈركىگەن)غا ئوخشايدۇ؛ ئىچكى تۇڭ كىيىملەرنى كۆتۈرۈپ سۇ يۈزىگە چىقارغاندىن كېيىن، كىيىملەر قايتىدىن چۈشۈپ سۇ يۈزىگە ئۇرۇلىدۇ، بۇ خۇددى كىيىملەرنى سوققاندا ئوخشايدۇ؛ ئۈستىدىن چۈشكەن كىيىملەر تۇڭنىڭ تېگىدىكى كىيىملەرنى بېسىپ شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ، بۇ خۇددى كىيىملەرنى ئىككى قول بىلەن باسقانغا ئوخشايدۇ. دومىلىما تۇڭلۇق كىرئالغۇنىڭ كىيىملەرنى ئۇپرىتىش دەرىجىسى دولقۇن چاق شەكىللىك كىرئالغۇنىڭ ئۇپرىتىش دەرىجىسىنىڭ پەقەت ئوندىن بىرىگىلا توغرا كېلىدۇ. يەنە دولقۇن چاقى يوق بىر خىل كىرئالغۇمۇ بار، ئۇنىڭ كىر يۇيۇش تۇڭىنىڭ ئاستىنقى يېرىم قىسمى دولقۇن چاققا ئوخشاش بولۇپ، پۈتۈن قىسمى ئايلىنالايدۇ. ئايلانغان چاغدا، سۇ ئېقىمى تۇڭنىڭ ئەتراپىدىن مەركىزىگە قاراپ يىغىلىپ، يۇيۇلىدىغان كىيىملەرگە تەسىر قىلىدۇ، تۇڭغا ئەگىشىپ ئايلانغان كىيىملەر بولسا سىرتقا قارىتا يۆنەلگەن كۈچنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ كۈچ تۇڭغا تەسىر قىلىدۇ، شۇنداق قىلىپ، تۇڭ بىلەن كىيىملەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا سوقۇلۇش ۋە سۈركىلىش نەتىجىسىدە كىيىملەر يۇيۇلۇپ چىقىدۇ. ئايلىنىدىغان تۇڭنىڭ چوڭلۇقى ئادەتتىكى دولقۇن چاقنىڭ ئون ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، يېڭى ئېقىملىق چوڭ دولقۇن چاقلىق كىرئالغۇغا سېلىشتۇرغاندىمۇ يۈزى تەخمىنەن ئۈچ ھەسسە چوڭ بولغانلىقتىن، كىر يۇيۇش كۈچى كۈچلۈك، كىرنى يۇيۇشى تەكشى ھەم پاكىز بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى