UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىئېلېكترونلۇق گېزىت - ژۇرنال ۋە سۈرەت - يېزىقلىق تېلېۋىزور

ئېلېكترونلۇق گېزىت - ژۇرنال ۋە سۈرەت - يېزىقلىق تېلېۋىزور

ئېلېكترون بىلىملىرى ئېلېكترونلۇق گېزىت كومپيۇتېرنىڭ ساقلىغۇچى، ماگنىتلىق دىسكا، ماگنىتلىق لېنتا ياكى ئوپتىك دىسكا قاتارلىقلار ئارقىلىق گېزىتنىڭ مەزمۇنىنى خاتىرىلەپ، ئۇنى ئاممىۋى تېلېفون قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئالاقە تورى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئوقۇرمەنلەر كومپيۇتېر ئېكرانى، تېلېۋىزور، خەت بېسىش ماشىنىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇنى ئوقۇيالايدۇ. ئېلېكترونلۇق گېزىتنىڭ كۆپ خىل شەكلى بار: بىر خىلى ئەمەلىي ۋاقىت نەشرى دەپ ئاتىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى گېزىتنىڭ مەزمۇنى بېسىشقا رەسمىي تاپشۇرۇلغاندا، مەزمۇنى ئاپتوماتىك خاتىرىلىنىپ، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ تورىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭدىن گېزىت مەزمۇنىنى ۋاقتىدا كۆرەلەيدۇ. يەنە بىر خىلى تۈپلەنمە نەشرى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭدا بىر بۆلەك ۋاقىت ئىچىدىكى مەزمۇنلار تۈرلەرگە ئايرىپ جەملەپ ساقلىنىپ، ماگنىتلىق دىسكا ياكى ئوپتىك دىسكا شەكلىدە قەرەللىك تارقىتىلىدۇ. يەنە بىر خىلى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بىرلەشتۈرۈلگەن نەشرى بولۇپ، نەشر قىلىنىپ بولغان بارلىق ئېلېكترونلۇق گېزىتلەرنىڭ مەزمۇنى ئومۇمىي گېزىت ئامبىرى قىلىپ شەكىللەندۈرۈلۈپ، بىر كۇتۇپخانىغا ئوخشاش ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ تورىغا ئۇلىنىدۇ، ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭدىن باش تېما ۋە تۈرلەر بويىچە بىر بۆلەك ۋاقىت ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرەلەيدۇ. ئېلېكترونلۇق گېزىتنى يەنە بىر خىل ئالاھىدە سۈرەت - يېزىقلىق تېلېۋىزور ئارقىلىق قوبۇل قىلىپ كۆرگىلى بولىدۇ. سۈرەت - يېزىقلىق تېلېۋىزوردا ئادەتتىكى تېلېۋىزورلاردا بولىدىغان بارلىق ئىقتىدار بار بولغاندىن تاشقىرى، يەنە ئادەتتىكى تېلېۋىزورلارغا ئوخشىمايدىغان جايلىرىمۇ بار. ئۇنىڭدا بىر سىگنال ئالماشتۇرغۇچ بار بولۇپ، قوبۇل قىلغان گېزىت بېتى ياكى سۈرەت يېزىق سىگناللىرىنى رەقەم بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، تېلېۋىزىيە تەسۋىر سىگنالىغا »تەرجىمە« قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى ئېكراندا كۆرسىتەلەيدۇ. سۈرەت - يېزىق تېلېۋىزىيىسىدە رەقەملىك ئۇزىتىش شەكلى قوللىنىلىدىغانلىقتىن، ئەسلىدىكى تەسۋىر بىلەن ئاۋاز سانسىزلىغان »1« ۋە »0« دىن تۈزۈلگەن رەقەملىك سىگنالغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئېلېكترونلۇق مېڭىگە ئوخشاش نۇرغۇن سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى ساقلىيالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كومپيۇتېرغا ئوخشاش سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ساقلانغان سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى يۆتكەپ بېرەلەيدۇ ياكى رەتلەپ بىرىكتۈرەلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ سىز تېلېۋىزورىڭىزنى پۈتۈن مەزمۇنلارنى ئەمەس، پەقەت مەلۇم بىر ئۇچۇرنى چىقىرىپ بېرىدىغان قىلىپ تېلېۋىزورىڭىزغا پروگرامما تۈزۈپ بېرەلەيسىز، سىز يەنە ئېكراندا گېزىت ياكى ژۇرنالنىڭ مەلۇم بىر بېتىنى «ئېچىپ» كۆرەلەيسىز، شۇنداقلا يەنە كېيىن كەلگەن يېرىڭىزدىن باشلاپ كۆرۈشكە قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، بىر بۇلۇڭىنى «قاتلاپ» بەلگە قىلىپمۇ قويالايسىز.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
ئېلېكترونلۇق گېزىت - ژۇرنال ۋە سۈرەت - يېزىقلىق تېلېۋىزور | UyghurWiki | UyghurWiki