UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىكۆپ يوللۇق تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىشى

كۆپ يوللۇق تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىشى

ئېلېكترون بىلىملىرى تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى كۆرگەن چاغدا، بەزىدە ئېكراننىڭ ئاستىدا مۇھىم خەۋەر ياكى نەق مەيداندىكى مۇسابىقىنىڭ قىسقا خەۋەرلىرى ۋە ياكى ئۇقتۇرۇش قاتارلىق خەتلىك ئۇچۇرلار پەيدا بولۇپ، تاماشىبىنلار بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى كۆرۈۋاتقان نومۇرلارنى داۋاملىق كۆرەلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان «يېزىق ئاڭلىتىش» لارنىمۇ ئوقۇيالايدۇ. مانا بۇ كۆپ يوللۇق تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىشىدىن ئىبارەت. كۆپ يوللۇق يېزىق ئاڭلىتىشلاردىن باشقا، يەنە كۆپ يوللۇق ھەمراھ ئاۋازلىق ئاڭلىتىش ھەمدە تىنچ تەسۋىر ۋە تېلېفوتوگرافىيە كۆپ يوللۇق ئاڭلىتىشلىرىمۇ بار. تېلېۋىزورلار نېمە ئۈچۈن بىر قانالدا ھەم ئادەتتىكى نومۇرلارنى، ھەم كۆپ يوللۇق ئاڭلىتىشلارنى بىرلا ۋاقىتتا قوبۇل قىلالايدۇ؟ ئەسلىدە، ھازىرقى تېلېۋىزىيە سىگناللىرىدا پايدىلىنىشقا بولىدىغان نۇرغۇن بوشلۇقلار بار. تېلېۋىزىيە تەسۋىرلىرى ئېلېكترونلار دەستىسىنىڭ يالتىراق ئېكراندا تەرتىپلىك ھەرىكەت قىلىشىدىن شەكىللىنىدۇ. ئېلېكترون دەستىسىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى «تەسۋىر يېيىتىش» (ياكى سىيپاپ ئۆتۈش) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ خۇددى كىشىلەر كىتاب كۆرۈپ ماقالە ئوقۇغاندىكىگە ئوخشاش دائىم سولدىن ئوڭغا، ئۈستىدىن ئاستىغا تەدرىجىي ھەم تەرتىپلىك يۆتكىلىدۇ. ئېلېكترونلار دەستىسى625 قۇر يۆتكەلگەندە، بىر تولۇق تەسۋىرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن خۇددى كىتابنىڭ بىر بېتىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن كېيىنكى بېتىنى ئېچىپ ئۇنىڭ بېشىدىن باشلىغاندىكىگە ئوخشاش، ئېلېكترون دەستىسى يالتىراق ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇلۇڭىدىن سول تەرەپ ئۈستۈنكى بۇلۇڭىغا سەكرەپ، ئىككىنچى مەيدان تەسۋىر يېيىتىشنى باشلايدۇ، بۇ جەريان «قايتىپ يېيىتىش» دەپ ئاتىلىدۇ. قايتىپ يېيىتىش سىزىقىنىڭ تېلېۋىزىيە تەسۋىرىنى بۇزۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېلېۋىزوردا ئۇ ئامال قىلىپ يوقىتىۋېتىلىدۇ. ئادەتتە بۇ قايتىپ يېيىتىشنى يوقىتىش ۋاقتى1500 مىكروسېكۇنت، يەنى10 مىڭدىن15 سېكۇنت بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتىكى تېلېۋىزىيە ھەمراھ ئاۋازىنىڭ چاستوتا دائىرىسى ئاۋاز سىگنالىنىڭكىدىن ئالتە ھەسسىدىن كۆپرەك چوڭ بولۇپ، بىر يول ئاساسلىق ئاۋازنى يوللىغاندىن باشقا، ئۇنىڭدىمۇ خېلى چوڭ بوشلۇق بولىدۇ. ھازىرقى تېلېۋىزورلاردا، قايتىپ يېيىتىشنى يوقىتىش ۋاقتى ئىچىدە ھېچقانداق ئۇچۇر تارقىتىلمايدۇ، ھەمراھ ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ بۇ بوشلۇقىمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ، يەنى بىكاردىن - بىكار ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. تېلېۋىزىيە تېخنىكلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىپ، كۆپ يىل تەتقىق قىلىش ۋە ھەر خىل تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، يېزىق ۋە تىنچ تەسۋىر قاتارلىق ئۇچۇرلارنى رەقەملىك سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى ئادەتتىكى تېلېۋىزىيە سىگنالىغا قوشۇپ تارقاتتى. ئادەتتىكى تېلېۋىزورلارغا پەقەت بىر مەخسۇس قوشۇمچە قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلسىلا، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كۆپ يوللۇق يېزىق، قوش ھەمراھ ئاۋاز / ستېرېئو ئاۋاز ھەمدە تىنچ تەسۋىر ۋە تېلېفوتوگرافىيىلىك كۆپ يوللۇق ئاڭلىتىشنى قوبۇل قىلالايدۇ. تېلېۋىزىيىنىڭ كۆپ يوللۇق ئاڭلىتىش يېڭى تېخنىكىسى تېلېۋىزورلارنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق ۋە كۆپ ئىشلىتىشلىك بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ تېلېۋىزىيىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش تەلىپىنى قانائەتلەندۈردى. ھازىر بار بولغان بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ئىچىدە، بىر يۈرۈش تېلېۋىزىيە نومۇرىنى تارقاتقاندىن باشقا، يەنە بىر يول ھەمراھ ئاۋاز سىگنالىنى ئۇنىڭغا قوشۇپ تارقاتقىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بەدىئىيلىك ئۈنۈمى روشەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇ ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان تىلدىكى نومۇرلار تارقىتىلسا ۋە كۆپ تىللىق تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى قوبۇل قىلىنسا، «تەرجىمان» لازىم بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى قوبۇل قىلغان چاغدا، ئەگەر شۇ كۈندىكى ھاۋا رايىنى ياكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولساق، پەقەت قوشۇمچە كۇنۇپكا تاختىسىدىكى شۇ ئۇچۇرغا ۋەكىللىك قىلىدىغان نومۇرنى باسساقلا، تېلېۋىزور ئېكرانىنىڭ تېگىدە بىر - ئىككى قۇر خەت پەيدا بولۇپ، ھاۋا رايىنى ياكى مۇسابىقىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى خەۋەر قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى