UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىئېلېكترونلۇق پوچتا ساندۇقى

ئېلېكترونلۇق پوچتا ساندۇقى

ئېلېكترون بىلىملىرى شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا1992 - يىلى بىر خىل غەلىتە «پوچتىخانا» بارلىققا كەلدى، بۇ يەرگە كېلىپ خەت سالسا ماركا ۋە كونۋېرت ئىشلىتىلمەيدۇ، بەلكى سالام خەت قەغىزى چوڭلۇقىدىكى بىر ۋاراق خەت - چەكلا يوللىنىدۇ، پەقەت بىرنەچچە سېكۇنت ئىچىدىلا، خەت - چەك قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ ئېلېكترونلۇق پوچتا ساندۇقىدىن ئىبارەت. خەلقئارادا ئېلېكترونلۇق پوچتا ساندۇقى ئادەتتە خەت - ئالاقە بىرتەرەپ قىلىش سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ كومپيۇتېر ۋە ئالاقىلىشىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، تېلېگراف لىنىيىسى ئارقىلىق ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ كومپيۇتېر، ئەينەن يوللاش ماشىنىسى ۋە توك ئارقىلىق يوللاش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى ئۆزئارا ئۇچۇر ئۇزىتىدىغان قىلىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئىشلەتكۈچىنى ھەرقانداق ۋاقىت ۋە ھەرقانداق جايدا، پوچتا يوللانمىلىرى ئالاقىسى ئېلىپ بارالايدىغان قىلىپلا قالماستىن، يەنە تەسۋىر ياكى سۆزلىشىش ئالاقىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان قىلىدۇ. ئېلېكترونلۇق پوچتا ساندۇقىدىن پايدىلانغاندا، خەت - چەك لايىھىسىنى تەييارلاش، تەھرىرلەش، يوللاش، سېلىش - ئېلىش ۋە ئوقۇش قاتارلىق جەريانلارنىڭ ھەممىسى «ئېلېكترونلاشقان» بولىدۇ. ھەربىر ئىشلەتكۈچىگە بىر ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇق نومۇرى تەقسىملەنگەن بولۇپ، بۇ ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى كومپيۇتېر ئىچىگە تەسىس قىلىنىدۇ، يەنى كومپيۇتېرنىڭ ساقلىغۇچى ئىچىدىن بىر ساقلاش رايونى ئايرىپ ئېلىنىدۇ. ئىشلەتكەن چاغدا، ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ خەت ساندۇقىنىڭ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن نومۇرىنى باسسىلا، بۇ ئادەمگە كەلگەن خەت - چەكنىڭ مەزمۇنى دەرھال كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانىدا پەيدا بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىز قوبۇل قىلىش ھالىتىدە تۇرغان بولسا، گەرچە سىز كومپيۇتېردا ماقالە يېزىۋاتقان ياكى ئويۇن ئويناۋاتقان بولسىڭىزمۇ، قارشى تەرەپ سىزگە خەت - چەك يوللىغان بولسا، «ئېلېكترونلۇق پوچتا ساندۇقى» سىزنى «خەت - چەك يوللانمىسى كەلدى!» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. كەلگەن خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىنى بېسىپ جاۋاب خەت «يازالايسىز». خەتنى سالغان چاغدا، پەقەت ئالدى بىلەن كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق قارشى تەرەپ بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ خەت ساندۇقى نومۇرىنى كىرگۈزسىڭىزلا، خەت - چەك ئاپتوماتىك ھالدا بىر «خەت ساندۇقى» دىن چىقىپ، ئېلېكترونلۇق ئالاقىلىشىش تورى ئارقىلىق تارقىلىپ قوبۇل قىلغۇچىنىڭ «خەت ساندۇقى» غا كىرىپ ساقلىنىدۇ. ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى يوللاش سۈرئىتى تېز بولۇش، ئالاقىلىشىشكە قەغەز كېرەك بولماسلىقتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولغاندىن تاشقىرى، ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئالاھىدە ئىقتىدارلىرى بار. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن دۆلىتىمىز ۋە دۇنيا دائىرىسىدە ئالاقىلىشىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا خەت - چەكنى ئاپتوماتىك ھالدا ساقلىغىلى، تارقاتقىلى، ئارخىپلاشتۇرغىلى ۋە خالىغان ۋاقىتتا چىقىرىپ ئوقۇغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىگىسى سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولسا، ئېلېكترونلۇق «خەت ساندۇقى» يەنە قوبۇل قىلىنغان خەت - چەكنى خالىغان ۋاقىتتا ئىگىسىنىڭ يېڭى ئادرېسىغا يوللاپ بېرەلەيدۇ. ئېلېكترونلۇق خەت - چەكنى يوللاشتا رەقەملىك يوللاش تېخنىكىسى قوللىنىلىدىغانلىقتىن، ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاشچانلىقى ئەينەن يوللاشقا قارىغاندا كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ «پوچتا ھەققى» ئەينەن يوللاشنىڭ پەقەت10 دىن1 ىگىلا توغرا كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
ئېلېكترونلۇق پوچتا ساندۇقى | UyghurWiki | UyghurWiki