UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىئىسسىقلىق بىلەن توك چىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەن تەمىنلەش

ئىسسىقلىق بىلەن توك چىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەن تەمىنلەش

ئېلېكترون بىلىملىرى بەزى زامانىۋىلىشىش سەۋىيىسى يۇقىرىراق بولغان مەھەللىلەردىكى ماگىزىن، كارخانا ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان ئۆيلەردە، قىش كۈنلىرى ئىسسىق سۇ ۋە ئۆيلەرنى ئىسسىتىدىغان پار، يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچلەرنى ئېچىپ ئۆيلەرنى سوۋۇتۇشقا يېتەرلىك بولغان توك بار بولۇپ، بۇنداق يەرلەردە ياشىغاندا «قىشتا ئىللىق يازدا سالقىن» بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. چۈنكى، يېڭى مەھەللىلەرنى قۇرۇشتا، بىر ئېلېكتر ئىستانسىسى ئارقىلىق ئىسسىقلىق تەمىنلەش ۋە توك تارقىتىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ، ئىلىم - پەندە بۇ «ئىسسىقلىق بىلەن توك چىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەن تەمىنلەش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتىكى ئوت ئېلېكتر ئىستانسىلىرىدا، كۆمۈر يېقىپ توك چىقىرىشنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، تەخمىنەن پەقەت % 30 تىن % 35 كىچە بولىدۇ. يەنى، ھەر1 بىرلىك ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى چىقارغاندا،2 بىرلىك ئېنېرگىيە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى شەكلىدە بىكاردىن - بىكارغا ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. ئىسسىقلىق بىلەن توك چىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەن تەمىنلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا ئەسلىدە بۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى بىكار ئىسراپ قىلىۋېتىدىغان ئىسسىقلىقتىن پايدىلىنىپ، سۇلارنى ئىسسىتىپ، زاۋۇت، ماگىزىن ۋە ئائىلىلەرنى ئىسسىق سۇ ياكى ئۆيلەرنى ئىسسىتىدىغان پار بىلەن تەمىنلەپ ئومۇمىي يېقىلغۇ سەرپىياتىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. ئىسسىقلىق بىلەن توك چىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەن تەمىنلەشتە، بىر ئېلېكتر ئىستانسىسى ھور ھاسىل قىلىپ ئۇ ئارقىلىق توك چىقارسا ۋە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ؛ ياكى يانار گاز تۇربىنىسى ئارقىلىق ھەرىكەنلەندۈرۈلىدىغان گېنېراتوردىن پايدىلىنىپ، كېرەكسىز ئىسسىقلىقنى ھور قازان قۇرۇلمىسىغا قايتا يەتكۈزۈپ بېرىپ، توك چىقىرىش ئۈنۈمىنى % 80 كە كۆتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ؛ يەنە ئەخلەت قاتارلىق كېرەكسىز ماتېرىياللارنى يېقىلغۇ قىلىپ، ئەخلەت كۆيدۈرۈش ئوچىقىدىن پايدىلىنىپ ھەم توك چىقىرىپ، ھەم ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەپ، ئىسسىقلىق ئۈنۈمىنى % 70 كە يەتكۈزگەندە ھەم كۆمۈر ئىقتىساد قىلغىلى، ھەم يېقىلغۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ. بۇ، زامانىۋى شەھەرنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسىي قۇرۇلۇشى.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
ئىسسىقلىق بىلەن توك چىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەن تەمىنلەش | UyghurWiki | UyghurWiki