UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىيات بىلىملىرىئەدەبىي ژانىرلارنىڭ تۈرلىرى

ئەدەبىي ژانىرلارنىڭ تۈرلىرى

ئەدەبىيات بىلىملىرى ئەدەبىي ئەسەرلەر ژانىرغا قاراپ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئەدەبىي ژانىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ كونكرېت شەكلى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللارنىڭ بىرى. ئەدەبىي ژانىر خىلمۇخىل بولىدۇ. تۈرگە بۆلۈش ئۆلچىمىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا بېقىپ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تۈرگە بۆلۈنۈشىمۇ ئوخشاشمايدۇ. بۇرۇن ئېلىمىزدە بەزىلەر قاپىيىسىنىڭ بار - يوقلۇقىغا قاراپ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى نەزمىي ئەسەرلەر، نەسرىي ئەسەرلەر دەپ ئىككى تۈرگە بۆلگەن. «4 - ماي» يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىدىن كېيىن «3 كە بۆلۈش» ياكى «4 كە بۆلۈش» ئۇسۇلى قوللىنىلىدىغان بولدى. «3 كە بۆلۈش» دېگىنىمىز، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئوبراز يارىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ، ئۇلارنى ئېپىك ئەسەرلەر (پروزا ئەسەرلەر)، لىرىك ئەسەرلەر ۋە دراما دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئېپىك ئەسەرلەرگە ئەپسانە - رىۋايەت، ئېپوس، ھېكايە، ئېپىك داستان، ئاخبارات ئەدەبىياتى، بىئوگرافىك ئەدەبىيات قاتارلىقلار كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى، ۋەقە بايان قىلىنىپ پېرسوناژلار ئوبرازى يارىتىلىدۇ. لىرىك ئەسەرلەرگە لىرىك شېئىر، لىرىك نەسرلەر كىرىدۇ. ئۇلار ئاپتورنىڭ ھېسسىياتىنى بايان قىلىشنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلىدۇ. دراماغا سەھنىدە ئوينىلىدىغان سەھنە ئەسىرى كىرىدۇ، ئۇنىڭدا قەھرىمانلارنىڭ دىئالوگى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، بەدىئىي ئوبراز يارىتىلىدۇ. «4 كە بۆلۈش» دېگىنىمىز، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئوبراز يارىتىش ئۇسۇلى، شەكىل قۇرۇلمىسى، تىل ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ، ئۇلارنى پروزا، شېئىرىيەت، دراما، نەسر دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى شېئىرىيەت تۈرى لىرىك شېئىر ۋە ئېپىك شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ نەسر لىرىك نەسر ۋە ئېپىك نەسردىن باشقا يەنە دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ساياھەتنامە، ئىلمىي پارچە، خاتىرە، فېليەتون، ئاخبارات ئەدەبىياتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ؛ پروزا مۇستەقىل بىر تارماق بولۇپ، رومان، پوۋېست، ھېكايىنى ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئېلىمىز ئەدەبىيات نەزەرىيىچىلىرى كۆپرەك قوللىنىدىغان تۈرگە بۆلۈش ئۇسۇلىدۇر.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات بىلىملىرى