خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى
ئەدەبىيات بىلىملىرى
خەلق ناخشا - قوشاقلىرى، چۆچەكلىرى، ئەپسانە - رىۋايەتلىرى قاتارلىق خەلق ئىجاد قىلغان، ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىدىغان ئەسەرلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، تىلى ئاممىباب، شەكلى جانلىق بولىدۇ. ئېغىزدىن ئېغىزغا ئۆتۈپ، تەكرار پىششىقلىنىپ بارا - بارا مۇكەممەللەشكەچكە، ئۇ ئاممىۋىلىققا، كوللېكتىپلىققا ئىگە بولىدۇ.
خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەمگەكچى خەلق ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، تەلىپى، غايىسىنىڭ ئىنكاسى، شۇنىڭدەك خەلقنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتى ۋە ئىرادىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى. ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول، نۇرغۇن ئەسەرلەر يۈكسەك بەدىئىي سەۋىيىگە يەتكەن. خەلق چۆچەكلىرىدىن نۇرغۇنلىرى ئۈزلۈكسىز نادىر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئايلىنىپ، ھەر خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئۆزگەرتىپ يېزىلغان. يۇنان ئەپسانىلىرى ۋە ھومېر داستانلىرىمۇ شۇنداق، ئۇلار ئۆلمەس بەدىئىي سېھرىي كۈچكە ئىگە بولۇپلا قالماي، كېيىنكىلەر ئىجاد قىلالىشى تەس بولغان نەمۇنە ئەسەرلەردۇر.
ھەرقايسى ئەللەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى شۇ دۆلەت ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئېلىمىز تارىخىدىكى تۆت خەتلىق شېئىر، چۇ نەزملىرى، بەش خەتلىق شېئىر ۋە بېيىت، كۈي، ھەتتا رومان قاتارلىق ئەڭ مۇھىم ئەدەبىي ژانىرلاردىن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن تۇغۇلمىغان بىرىمۇ يوق. چۈي يۈەن، لى بەي، دۇفۇ، بەي جۈيى، گۇەن خەنچىڭ، لۇشۈنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان؛ چەت ئەل يازغۇچىلىرىدىن دانتې، بوكاچچولارنىڭمۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ.