UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىيات بىلىملىرىئاڭ ئېقىنى

ئاڭ ئېقىنى

ئەدەبىيات بىلىملىرى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى،20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بەزى غەرب يازغۇچىلىرى ئەنئەنىۋى ھېكايە ئىجادىيىتى ئۇسۇلىدىن قانائەت تاپماي، ئامېرىكا پسىخولوگى ۋىليام جامېسنىڭ «پسىخولوگىيىنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى» دېگەن كىتابىدىن بەزى نەزەرىيىلەرنى تېپىپ، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتى بۆلەكلەرنىڭ چاتمىسى ئەمەس، بەلكى ئېقىن سۇغا ئوخشاش ئۈزۈلمەس «ئېقىن» دەپ ھېسابلىدى ۋە ئۇنى «ئاڭ ئېقىنى» دەپ ئاتىدى. يازغۇچىلار، ھېكايىچىلەر پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ئاڭ ئېقىمىنى سۈرەتلىشى كېرەك دەپ ھېسابلىدى. ئۇلار ئەدەبىيات - سەنئەت پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ۋە ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى سىرتتىن ئىپادىلىمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئىچكى پائالىيىتىنى، بولۇپمۇ يوشۇرۇن ئاڭ پائالىيىتىنى تىرىشىپ قېزىشى كېرەك دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، يازغۇچى «ئۆزى گەپ قىلىش» تىن چېكىنىپ چىقىپ، پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى پائالىيەتلىرىنى ئۆزلىرىگە نامايان قىلدۇرۇشى، مۇھىت، پېرسوناژلارنىڭ قىياپىتى، ھەرىكىتى ۋە خاراكتېرىنى تەسۋىرلىگەندىمۇ، يازغۇچى ياندىن بايان قىلماي، پېرسوناژلارنىڭ ئۆز ئىدراكى، ئەسلىمىسى، تەسىراتى ۋە تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق ئىپادىلىشى كېرەك. مۇنداق نەزەرىيە ۋە ئۇسۇل بىلەن ئىجاد قىلىدىغان يازغۇچىلار كۈنسېرى كۆپەيگەنلىكى ئۈچۈن، »ئاڭ ئېقىنى پروزىنچىلىقى« دېيىلىدىغان ئېقىم شەكىللىنىپ،20 - ئەسىرنىڭ20 - يىللىرىدا غەربتە بىر مەھەل ھۆكۈم سۈردى. ئەنگلىيىلىك جامېس جويس، ۋىرگىنيە ۋۇلﻒ، فرانسىيىلىك مارسېل پروست، ئامېرىكىلىق فۇكنېرلار بۇ ئېقىمنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىلىرى ھېسابلىنىدۇ. «ئاڭ ئېقىنى» ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكى پېرسوناژلارنىڭ ئاڭ ئېقىنى ھەرىكىتىنى ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش؛ زور مىقداردىكى ئەركىن باغلانما تەسەۋۋۇر، زامان تەرتىپىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىش ۋە كۆپ قاتلاملىق قۇرۇلما، ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسىنىڭ زامان تەرتىپىنى ئالماشتۇرۇپ، ھەتتا بىر - بىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئەسەر قۇرۇلمىسىنى زامان ۋە ماكان جەھەتتىن كۆپ قاتلاملىق قىلىش، ئىچكى مونولوگنى تەكىتلەشتىن ئىبارەت. «ئاڭ ئېقىنى پروزىچىلىقى» ئېقىمىدىكىلەرنىڭ مۇنداق يېڭىچە ئىجادىيەت ئۇسۇلى پېرسوناژلارنىڭ ئۆزگىرىشچان ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىشكە ۋە بەزىدە ئەسەر قۇرۇلمىسىنى پۇختا، ۋەقەلىكنى جانلىق قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. بىراق، نۇرغۇن يازغۇچىلار بۇ ئۇسۇلدىن مۇۋاپىق پايدىلىنالماي، فانتازىيە ۋە تەسەۋۋۇرنى تولا ئارىلاشتۇرۇپ، پېرسوناژلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئارتۇقچە كۈچەپ، نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەشكە سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن، پېرسوناژلار خاراكتېرى مۈجمەللىشىپ، ھېكايە ۋەقەلىكى پارچە - پۇراتلىشىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ راۋان ئوقۇشىغا تەسىر يەتتى. «ئاڭ ئېقىنى پروزىچىلىقى» ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە تەسىرىمۇ خېلى چوڭ. ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىمۇ ئىجادىيەتلىرىدە بۇ ئۇسۇلنى قوللاندى. مەسىلەن، ۋاڭ مېڭنىڭ «كېپىنەك»، «كېچىنىڭ كۆزى»، چېن رۇڭنىڭ «ھال رەڭ كەچكى غىزا» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن بۇ ئەھۋالنى بىرقەدەر ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات بىلىملىرى