ناتۇرالىزم
ئەدەبىيات بىلىملىرى
فرانسىيە يازغۇچىسى ئىمېل زولا يازغۇچىنىڭ تۇرمۇش پاكىتلىرىنى ئوبيېكتىپ خاتىرىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. يازغۇچىنىڭ تۇرمۇش ھادىسىلىرىگە سىياسىي، ئەخلاقىي، ئېستېتىك باھا بېرىشنى ياقلىمايدۇ. ئۆزى ئەسەر يازغاندا، ئۇششاق، يۈزە، تاسادىپىي تۇرمۇش ھادىسىلىرى ۋە تەپسىلاتلىرىنى ساپ ئوبيېكتىپ تەسۋىرلەيدۇ. مەسىلەن، ئۇ »ئاچكۆز پارىژ« رومانىدا پارىژنىڭ كۆكتات بازىرىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى نۇرغۇن سەھىپە ئاجرىتىپ تەسۋىرلىگەن. بەزى جايلاردا بىراقلا ئوتتۇزغا يېقىن بېلىق، قىسقۇچپاقىلارنى يازغان ۋە ئۇلارنىڭ رەڭگى، قاسىراق - تېرىسى، شەكلىنى ئېرىنمەي تەسۋىرلىگەن، بەزى جايلاردا تۇرۇپ، يېسسىۋىلەك، پۇرچاق، پېدىگەن قاتارلىق يىگىرمە نەچچە خىل كۆكتاتنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان. تەسۋىرلەنگەن ئوبيېكتلارغا ئومۇملاشتۇرۇپ باھا بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئوقۇرمەن ئاپتورنىڭ زادى نېمىنى ئىپادىلىمەكچى بولغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. كىشىلەر زولانىڭ مۇنداق ئىجادىيەت تەشەببۇسى ۋە ئۇسۇلىنى ناتۇرالىزم دەپ ئاتىشىدۇ.
ناتۇرالىزم غەربنىڭ بىر خىل ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسۇلى، ئۇ19 - ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىدا فرانسىيىدە بارلىققا كەلگەن. كېيىن ياۋروپا - ئامېرىكىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە تارقالغان. ئىمېل زولا ناتۇرالىزمنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى. ناتۇرالىست يازغۇچىلار ئادەمنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىيلىقى يېقىدىن ئەمەس، بەلكى فىزىئولوگىيىسى، گېنېتىكىسى، پاتولوگىيىسى يېقىدىن تەتقىق قىلىدۇ، تەسۋىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ پەقەت ھايۋانىي ئىقتىدارىلا بولىدۇ، ئۇ پەقەت پاسسىپ ھالدا مۇھىت ۋە ئىرسىي ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەزى يازغۇچىلار ھەرقانداق ئادەمنى ئاددىي، تۆۋەن دەرىجىلىك ۋە رەزىل، ھەتتا ھايۋانىي قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ، مۇنداق تەسۋىرلەش بىلەن جانلىق پېرسوناژلار ئوبرازىنى ياراتقىلى بولمايدىغانلىقى تەبىئىي.
ناتۇرالىزم بىلەن رېئالىزمنىڭ ئىككىلىسى رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلسىمۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ ناھايىتى زور پەرقى بار. رېئالىزم تۇرمۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش، پىششىقلاشنى، تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى تىپىكلەشتۈرۈپ ئەكس ئەتتۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ، ناتۇرالىزم بولسا ئوبيېكتىپ خاتىرىلەشنى تەكىتلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى ئوبدان ئەكس ئەتتۈرەلمەيدۇ.