تارىخى ئۇزۇن ئەپسانە
ئەدەبىيات بىلىملىرى
ئەپسانە ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە بارلىققا كەلگەن ئېغىز ئەدەبىياتى، ئۇ ئىپتىدائىي مەدەنىيەتنىڭ جەۋھىرى.
ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئىنسانلارنىڭ ئەقلى تۆۋەنرەك، ئۇلار كۈننىڭ شەرقتىن چىقىپ غەربكە ئولتۇرىدىغانلىقىنى، ئاينىڭ گاھ تولۇپ، گاھ كەمتۈكلىشىدىغانلىقىنى، يازدا چاقماق چېقىپ ھاۋا گۈلدۈرلەيدىغانلىقىنى، قىشتا جاھاننى قار - مۇز قاپلاپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، ئادەم قانداق پەيدا بولغانلىقىنى، جانلىقلار قانداق كۆپىيىدىغانلىقىنى ئۇقمايدۇ، بۇلارنى ھەممىگە قادىر «ئىلاھ» نىڭ كارامىتى دەپ قاراپ، شۇنىڭ بىلەن «ئىلاھ» ئوبرازى، «ئىلاھ» نىڭ قۇدرەت - كامالىتى ۋە «ئىلاھ» ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئويلاپ چىقارغان. ئۇ چاغلاردا يېزىق يوق بولۇپ، بۇ ھېكايىلەر ئېغىزدىن ئېغىزغا ئۆتۈپ تارقىلىپ، دەسلەپكى «ئەپسانە» لەر شەكىللەنگەن. فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئاندىن ئېلىمىزنىڭ بەزى كلاسسىك كىتابلىرىدا بەزى ئەپسانە - رىۋايەتلەر خاتىرىلەنگەن، لېكىن ئۇلار تولىمۇ ئاددىي ۋە پارچە - پۇرات ئىدى. دۇنيادا يۇنان ئەپسانىلىرىنى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان دېيىش مۇمكىن. ئۇلاردا ئىنسانلارنىڭ گۆدەكلىك دەۋرىدىكى تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن جاسارىتى، كۈتكەن غايىلىرى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى «تاغ - ئېزىملار قۇرئى» دىمۇ نۇرغۇن ئەپسانىلەر پۈتۈلگەن.
ئەپسانىلەردە ئەجدادلىرىمىزنىڭ غايەت زور تەسەۋۋۇر كۈچى بار، ئۇلار تەبىئەتنى بويسۇندۇرىدىغان ئادەمدىن تاشقىرى قەھرىمانلارنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. مەسىلەن، ئاسماندىكى توققۇز قۇياشنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ ئادەمزاتنى قەھەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرغان يى؛ رەڭدار تاشلارنى تاۋلاپ ئاسماننى ياماپ، ئىنسانلارنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرگەن نۈۋا قاتارلىقلار. چەت ئەللەرنىڭ ئەپسانىلىرىمۇ شۇنداق، مەسىلەن، ئىلاھنىڭ ئوتىنى ئوغرىلاپ زېمىنغا ئېلىپ چۈشۈپ ئىنسانلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلغان پرومىتى قاتارلىقلار.
ئەپسانىلەردە تەبىئەتتىكى نەرسىلەر جانلاندۇرۇلىدۇ، ئادەملەشتۈرۈلىدۇ. ئىپتىدائىي زامانلاردا ئىنسانلار مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى روھ، روھلارنىڭ ھەممىسى ئادەم شەكلىدە، ئادەم خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ، دەپ قارىغان. شۇڭا، بۇ روھلارغا كىشى ئىسىملىرى قويۇلغان. مەسىلەن، جۇڭگونىڭ ئەپسانىلىرىدىكى كۈن ھارۋىسىنى ھەيدەيدىغان قۇياش ئىلاھىنىڭ ئىسمى فۇشى؛ ئاي ئوردىسىدىكى ئىلاھنىڭ ئىسمى چاڭئې. يۇنان ئەپسانىلىرىدە قۇياش ئىلاھىنىڭ ئىسمى ئاپوللو؛ ئاي ئىلاھىنىڭ ئىسمى ئاتمىس؛ دېڭىز ئىلاھىنىڭ ئىسمى پوسېيدون؛ ئەقىل - پاراسەت ئىلاھەسى ئافېنا.
ئەپسانىلەردە ئىنسانلار ئۈچۈن تۆھپە كۆرسەتكەن چوڭ كەشپىياتلارنىڭ ھەممىسى بىرەر ئىلاھنىڭ ئىسمى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. مەسىلەن، جۇڭگونىڭ ئەپسانىلىرىدە زىرائەت ۋە دورا - دەرمەك كەشىپ قىلغان ئىلاھ نۇڭشى؛ ئۆينى كەشىپ قىلغان ئىلاھ چاۋشى؛ ئوتنى كەشىپ قىلغان ئىلاھ سۈيرېنشى. يۇنان ئەپسانىلىرىدىمۇ شۇنداق. ھەممىگە قادىر ئىلاھ ھراكلى؛ ھۈنەر - كەسىپ ئىلاھى ھېفائىس قاتارلىقلار.
ئەپسانىلەر ئىنسانلارنىڭ گۆدەكلىك دەۋرىدىكى تۇرمۇشىنى چۈشىنىدىغان تارىخىي ماتېرىيال، ئىنسانلار ئەدەبىياتىنىڭ باشلانمىسى بولۇپ، يۇقىرى ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە. ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىكى چۈي يۈەن، تاۋ يۈەنمىڭ، لى بەي، ۋۇ چېڭئېن قاتارلىق بۈيۈك شائىر ۋە يازغۇچىلاردىن ئەپسانىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغىنى يوق. بەزىلىرى بىۋاسىتە ئەپسانىلەردىن ماتېرىيال ئالسا، بەزىلىرى ئەپسانىلەرنىڭ مۇبالىغە، توقۇلما، فانتازىيە قاتارلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلانغان. غەرب ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇنداق مىساللار تېخىمۇ كۆپ. دانتې «ئىلاھىي كومېدىيە» دە يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ھېكايىلەرنى تېما قىلغان.