UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىيات بىلىملىرىئەسلىمە

ئەسلىمە

ئەدەبىيات بىلىملىرى ئەسلىمە − بايان خاراكتېرلىك نەسر. ئۇ «شاھىد كىشى» (ئاپتور) ئۆز بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ياكى باشقىلارنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى ئەسلەيدىغان بىر خىل ژانىر. ئۇ تارىخقا سادىق، پاكىتلارنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «يىللارنىڭ كارتىنىسى» دېيىشىدۇ. ئەسلىمە ھۆججەت خاراكتېرىگە ئىگە، ئۇنىڭ مۇئەييەن تارىخىي پايدىلىنىش قىممىتى بار. ئۇنىڭدا ھەقىقىي ئادەم، بولغان ئىشلار خاتىرىلىنىدۇ، توقۇلما قىلىشقا، ئۆزگەرتىشكە، بۇرمىلاشقا يول قويۇلمايدۇ. ئەسلىمە مەزمۇنىغا قاراپ ئادەم ئاساس قىلىپ يېزىلغان ۋە ۋەقەلەر ئاساس قىلىپ يېزىلغان دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئادەم ئاساس قىلىپ يېزىلغان ئەسلىمىلەردە ئادەمنىڭ ئۇزاقراق ۋاقىتتىكى كەچۈرمىشلىرى يېزىلسىمۇ، مەلۇم باسقۇچلۇق پائالىيەتلىرى يېزىلسىمۇ، تەپسىلىي يېزىلسىمۇ، ئىخچام يېزىلسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، لۇشۈننىڭ «تەييەن ئەپەندىنىڭ بەزى ئەھۋاللىرى توغرىسىدا» دا «بىلىملىك ئىنقىلابچى» جاڭ تەييەن ئەپەندىنىڭ بىرنەچچە ئىشى ئەينەن خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى جاڭ تەييەن ئەپەندىنىڭ كىشىلىك پەزىلىتى، بىلىمى ۋە يېتەرسىزلىكى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ئەسلىمە ھۆججەتلىك قىممەتكە ئىگە. ئادەم ئاساس قىلىپ يېزىلغان بەزى ئەسلىمىلەردە، پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى سۈرەتلەش ۋە تىپىك مۇھىتنى تەسۋىرلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. مۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئەدەبىي تۈسى قويۇق، بىئوگرافىك ئەدەبىياتقا يېقىن بولۇپ، بەدىئىي قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. ۋەقە ئاساس قىلىپ يېزىلغان ئەسلىمىلەردە، ئەينى چاغدىكى كونكرېت ئەھۋاللار ئاساسەن بىر تارىخىي ۋەقەنى چۆرىدەپ يېزىلىدۇ. ئۇنىڭدا بىر مەزگىلدىكى تارىخىي پاكىتلار يېزىلسىمۇ، ۋەقەنىڭ باش - ئاخىرى ياكى ۋەقەنىڭ بىر تەرىپى، بىر بۆلىكى يېزىلسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، «4 - ماي ھەرىكىتىنى ئەسلەش»، «ئۇزۇن سەپەرنى ئەسلەش» قاتارلىقلار. مۇنداق ئەسلىمىلەر كۈچلۈك تارىخىي ماتېرىياللىق قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات بىلىملىرى