UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىيات بىلىملىرىپروزا

پروزا

ئەدەبىيات بىلىملىرى روسىيىنىڭ19 - ئەسىردە ئۆتكەن ئەدەبىي تەنقىدچىسى بىلىنسكىي: «قانداق كىتاب ئەڭ كۆپ ئوقۇلىدۇ، ئەڭ كەڭ تارقىلىدۇ؟» دېگەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭغا «پروزا» دەپ جاۋاب بەرگەن. پروزا ئادەمنى ئىپادىلەش سەنئىتى، ئۇ «تونۇش بولغان ناتونۇش ئادەم» لەرنى، ئەگرى - توقاي، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ھېكايە ۋەقەلىكىنى كۈچەپ تەسۋىرلەيدۇ؛ ئۇ، دەۋرنىڭ رەسىملەر توپلىمى، ئۇ، جەمئىيەتنىڭ قىياپىتىنى ھەر تەرەپتىن ئەكس ئەتتۈرۈپ، تۇرمۇشنىڭ «قامۇسى» غا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. پروزىدە ئۈچ ئاساسىي ئامىل بولىدۇ: بىرى، پېرسوناژ؛ يەنە بىرى، ۋەقەلىك؛ ئۈچىنچىسى، مۇھىت تەسۋىرى. كىشىلەر بۇلارنى «ھېكايىنىڭ ئۈچ ئامىلى» دەپ ئاتىشىدۇ. باشقا ئەدەبىي ژانىرلارغا ئوخشاش، پروزىدىمۇ پېرسوناژلار ئوبرازى تەسۋىرلىنىدۇ، تىپىك پېرسوناژ يارىتىلىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭدا شېئىرغا ئوخشاش بوغۇملارنىڭ رىتىمىغا ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ، نەسرگە ئوخشاش ئىچكى ھېسسىياتنى ئىپادىلەشكىمۇ مايىللىق بولمايدۇ، درامىغا ئوخشاش سەھنىنىڭ زامان - ماكان چەكلىمىسىگە تېخىمۇ ئۇچرىمايدۇ، بەلكى پېرسوناژلارنىڭ دىئالوگى، ھەرىكىتى، قىياپىتى ۋە پسىخىكىلىق پائالىيىتى ئارقىلىق پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى ئىنچىكە سۈرەتلىنىدۇ؛ پېرسوناژلارنىڭ ئاڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق روھىي دۇنياسى ئېچىپ بېرىلىدۇ؛ مۇھىت كەيپىياتى يارىتىش ئارقىلىق پېرسوناژلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ؛ تەسەۋۋۇرنى قانات يايدۇرۇش، توقۇلمىلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق پېرسوناژلار خاراكتېرىنىڭ تەرەققىياتى ئېچىپ بېرىلىدۇ ياكى ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر ئىپادىلىنىدۇ ۋە كۆپ تۇرغۇ، كۆپ تەرەپلەردىن پېرسوناژلار تەسۋىرلىنىدۇ، تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك خاراكتېر ۋە تىپىك ئوبراز يارىتىلىدۇ. پروزىدا پېرسوناژلارنى تەسۋىرلەش ئۇسۇلى كۆپ بولۇپ، ھەرقانداق ئەدەبىي ژانىرنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. پروزىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى كۆپ بولۇشنىڭ مۇھىم سەۋەبى ئۇنىڭدا مۇرەككەپ، مۇكەممەل ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ، كىشىلەر پروزىنىڭ بۇرچى ئادەم ھەققىدىكى ۋەقەلەرنى بايان قىلىپ بېرىش دېيىشىدۇ. مۇۋاپىق ۋەقەلىك بولمىسا، پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى تولۇق ۋە جانلىق ئېچىپ بەرمەك تەس. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ۋەقەلىكلەر، ئەگرى - توقاي تەپسىلاتلار ھەممە كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان كۈچ ۋە كەڭ، چوڭقۇر ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ھېكايىدىكى پېرسوناژلارنىڭ گۈزەل ئارزۇسىغا يېتىش يولىدىكى جاپالىق كۈرەشلىرى، ئەگرى - توقاي سەرگۈزەشتلىرى، خۇشاللىق - قايغۇلىرى ئوقۇرمەنلەرنى قاتتىق جەلپ قىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ھېسداشلىق ۋە دىلكەشلىك ھېسسىياتىنى قوزغايدۇ، بەزىلىرى غايەت زور تەربىيىۋى رول ئوينايدۇ. پروزا ئادەمنى ئىپادىلەيدىغان سەنئەت. ئادەم مۇھىتتىن ئايرىلالمايدۇ. پروزا مۇھىتنى تەسۋىرلەش جەھەتتە باشقا ئەدەبىي ژانىرلاردىن كۆپ ئەركىن ۋە جانلىق. نەچچە مىڭ يىللىق، نەچچە ئون مىڭ يىللىق ۋەقەلەرنىڭ ھەرقاندىقى ئۇنىڭ تەسۋىرلەش دائىرىسىگە كىرىدۇ؛ جەمئىيەتنىڭ تارىخىي قىياپىتى، تەبىئىي مەنزىرىلەرنى ئەڭ تولۇق ۋە كونكرېت ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇلاردىن پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىنىپ، مۇھىت تەسۋىرىنى پېرسوناژلار ئوبرازىنى سۈرەتلەش ئۈچۈن ھەقىقىي خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ. پروزا ھەجمىگە قاراپ، رومان، پوۋېست، ھېكايە دەپ بۆلۈنىدۇ. تېما مەزمۇنىغا قاراپ بۆلۈشكە توغرا كەلسە، تارىخىي، ھازىرقى زامان دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ. بەزى رومانلار باشتىن - ئاياغ نەزم شەكلىدە يېزىلىدۇ، ئۇلارنى شېئىرىي رومان دېيىشكە بولىدۇ. ئادەتتە ھەجمىگە قاراپ بۆلۈش ئۇسۇلى كۆپرەك قوللىنىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات بىلىملىرى