UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىيات بىلىملىرىۋەقەلىك سۇژىت

ۋەقەلىك سۇژىت

ئەدەبىيات بىلىملىرى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ كىشىلەرگە بېرىدىغان تەسىرى ۋە كىشىلەردە ھاسىل قىلىدىغان دىلكەشلىك ھېسسىياتىنى ئەسەر پېرسوناژلىرىنىڭ ھەر خىل ھەرىكەتلىرى ۋە پېرسوناژلار ئارىسىدىكى زىددىيەت توقۇنۇشلىرى پەيدا قىلىدۇ. پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە پېرسوناژلار ئارىسىدىكى زىددىيەت توقۇنۇشلىرى ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. ۋەقەلىك بايان خاراكتېرلىك ئەدەبىي ئەسەرلەردە پېرسوناژلار خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىپادىلەيدىغان بىرقاتار تۇرمۇش ۋەقەلىرىدىن ئىبارەت. ۋەقەلىك ئادەتتە ھېكايە خاراكتېرلىك بولىدۇ، ئۇ ھېكايە ۋەقەلىكى (سۇژىتى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ بايان خاراكتېرلىك ئەدەبىياتتا پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى ئىپادىلەش ۋاسىتىسى بولۇپ، پېرسوناژلارنىڭ بەدىئىي ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، بەزىلەر ۋەقەلىكنى پېرسوناژلار خاراكتېرىنىڭ تارىخى دەپ ھېسابلايدۇ. بايان ئەدەبىياتىدا ۋەقەلىكنىڭ جانلىقلىقى ۋە موللۇقى پېرسوناژلار خاراكتېرىنى سۈرەتلەش، ئەسەرنىڭ باش تېمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر كلاسسىك رومانى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دە تۆت يۈزدىن ئارتۇق پېرسوناژ بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىملىرى ئىندىۋىدۇئاللىقى روشەن ئۆلمەس تىپلاردۇر. بۇ پېرسوناژلارنىڭ روشەن ئىندىۋىدۇئاللىقلىرىدىن جانلىق، كونكرېت ھېكايە ۋەقەلىكى ئارقىلىق سۈرەتلەنمىگەن بىرىمۇ يوق. ئەگەر «ئۈچ باتۇرنىڭ شاپتۇللۇقتىكى مەرىكە سورۇنىدا بۇرادەرلىك ئەھدى تۈزگەنلىكى»، «ليۇ بېينىڭ كەپىگە ئۈچ قېتىم ئىزدەپ بارغانلىقى» دەك ھېكايە ۋەقەلىكى بولمىغان بولسا، ليۇ بېينىڭ ئاق كۆڭۈل، ئالىيجاناب خاراكتېرىنى ئىپادىلىگىلى بولماس ئىدى؛ «لۇڭجۇڭدا جاھاننىڭ ئۈچكە بۆلۈنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكى»، «مۇشاۋېرنىڭ بوۋاڭ تۆپىلىكىدە جەڭ ماھارىتىنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەنلىكى»، «چىبېي جېڭى»، «ئۈچ قېتىم جۇ يۈينىڭ جېنىغا تېگىش»، «چىشەن تېغىدىن ئالتە قېتىم چىقىش»، «شىجيې راۋىقى»، «شەھەرنى قۇرۇق قالدۇرۇش ھىيلىسى» قاتارلىق بىر قاتار ئەگرى - توقاي جانلىق ھېكايە ۋەقەلىكلىرى بولمىغان بولسا، جۇگې لياڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى، ئەۋلىيادەك ئىش بىلەرمەنلىكى، ئىخلاسمەنلىكى، ئېھتىياتچانلىقى قاتارلىق ئوبراز ئالاھىدىلىكلىرى مۇنچىۋالا روشەن نامايان بولمىغان بولاتتى، شۇنىڭدەك ئەگەر ليۇ بېي، سۈن چۈەن، جۇگې لياڭ، جۇ يۈي قاتارلىق پېرسوناژلارنىڭ بىر قاتار زىددىيەت توقۇنۇشلىرى بولمىسىمۇ، ساۋ ساۋنىڭ ھىيلىگەر، مەككار خاراكتېرىنى ئىپادىلىگىلى بولماس ئىدى. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى يەنى سۇژىت بۆلىكى باشلىنىش، راۋاج، كولمىناتسىيە (يۇقىرى پەللە)، يېشىمدىن ئىبارەت تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. بەزى ئەسەرلەردە (مەسىلەن، سەھنە كىتابىدا) باش تېمىنى يەتكۈزۈش ۋە بەدىئىي ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، باشلىنىشتىن ئىلگىرى پرولوگ، يېشىمىدىن كېيىن ئېپىلوگ بېرىلىدۇ. پرولوگدا ئوقۇرمەنلەرگە ۋەقە يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي شارائىت تونۇشتۇرۇلىدۇ ياكى ئەسەرنىڭ ئاساسىي پېرسوناژلىرى ۋە ئەسەردىكى زىددىيەت توقۇنۇشلىرى يۈز بېرىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش تاپشۇرۇلىدۇ. باشلىنىش (تۈگۈن) نىڭ ۋەزىپىسى ئەسەردىكى ھېكايە ۋەقەلىكىنى قانات يايدۇرۇشقا كىرىشىش بولۇپ، ئەسەردىكى بىر قاتار ۋەقەلەر تەرەققىياتىنىڭ باش پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. راۋاج ھېكايە ۋەقەلىكى قانات يايغاندىن كېيىن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە چوڭقۇرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كولمىناتسىيە ئەسەردىكى زىددىيەت - توقۇنۇشلار تەرەققىي قىلىپ، جىددىي، ئۆتكۈر، كەسكىن باسقۇچقا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ۋەقەلىك تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئېسىل، كىشىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان قىسمى ھېسابلىنىدۇ. يېشىم زىددىيەت - توقۇنۇشلارنىڭ نەتىجىسى، ۋەقەلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىن ئىبارەت، بۇ يەرگە كەلگەندە پېرسوناژلارمۇ، ۋەقەمۇ پەسكويغا چۈشىدۇ، باش تېما تولۇق ئايان بولۇپ بولىدۇ. ئېپىلوگ ئەسەردىكى ئاساسىي ۋەقەلىكنىڭ تولۇقلىمىسىدىن ئىبارەت. ئاساسىي ۋەقەلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يازغۇچى ئەسەردىكى ئاساسىي قەھرىمانلارنىڭ ئاساسىي ۋەقەلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى تەقدىرىنى ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈر دەپ ھېس قىلسا ئېپىلوگ ئىشلىتىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس، بەزى ئەسەرلەر ۋەقەلىكىنىڭ بۆلەكلىرى رەتلىك بولمايدۇ، ئەدەبىي ئەسەرلەردە باش تېمىنى ئىپادىلەش، پېرسوناژلارنى سۈرەتلەش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ياكى ئەسەرنىڭ بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاڭلىق ھالدا بەزى ھالقىلارنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇشقا يول قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات بىلىملىرى