UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىيات بىلىملىرىسىدام تەسۋىر

سىدام تەسۋىر

ئەدەبىيات بىلىملىرى سىدام تەسۋىر ئەسلىدە جۇڭگوچە رەسىمدىكى بىر خىل ئەنئەنىۋى ئۇسۇل، بۇ ئۇسۇلدا رەسىم يۈزىگە رەڭ بېرىلمەيدۇ، ئارقا كۆرۈنۈشمۇ بولمايدۇ، پەقەت سىزىقلار بىلەن مەقسەت ئۇقتۇرۇلىدۇ، كېيىن بۇ ئاتالغۇ ئەدەبىياتقا كۆچۈرۈپ كېلىنىپ، ئوخشىتىش ۋە باشقا تەسۋىرلەردىن خالىي ھالدا بايان ئاساس قىلىنغان تەسۋىرلەش ئۇسۇلى كۆرسىتىلىدىغان بولدى. سىدام تەسۋىردە شەيئىنىڭ خۇسۇسىيىتى ئاددىي بىرنەچچە ئېغىز سۆز بىلەنلا ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن كلاسسىك رومانلىرىدا پېرسوناژ ۋە مۇھىتنى تەسۋىرلەشتە سىدام تەسۋىر ئۇسۇلى قوللىنىلغان. «سۇ بويىدا» دىكى «ياڭ جىنىڭ كۈنچىقىش ئاستانە بازىرىدا زۇلپىقار ساتماق بولغانلىقى» دېگەن بابتا لۈكچەك نيۇئېر ھەققىدە: «ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ قارىسا، يىراقتىن چالا مەست بولۇپ قالغان بىر ھارامتاماق دارازا دەڭدەڭشىپ كېلىۋاتاتتى.» دېگەن بىرنەچچە ئېغىز سۆز بىلەنلا، نيۇئېرنىڭ مەست ھالىتى ناھايىتى ئوبرازلىق سۆرەتلەپ بېرىلگەن. كىتابتا لۇ جىشېننىڭ ديەن شياۋئېرنى ئۇرغانلىقى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن: «لۇدا غەزەپكە كېلىپ، ئالىقانلىرىنى كەڭ ئېچىپ، ديەن شياۋئېرنىڭ كاچىتىغا بىر شاپىلاق سالدى. ...» بۇنىڭدا لۇ جىشېننىڭ غەزەپكە كەلگەن ۋە ئادەم ئۇرغان قىياپىتى ئەينەن ئىپادىلەپ بېرىلگەن. «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دىمۇ نۇرغۇن نەپىس سىدام تەسۋىرلەر بار، مەسىلەن، «جۇگې لياڭ كېسىلىگە قارىماي، زورلاپ ئورنىدىن تۇردى، ئەئيانلىرىنىڭ يۆلىشى بىلەن ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ بارگاھىدىن چىقىپ، قارارگاھلارنى كۆزدىن كەچۈردى، كۈزنىڭ سوغۇق شامىلى ئۇستىخان - ئۇستىخانلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكەندەك بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: <ئەمدى يەنە سەپكە ئاتلىنىپ مۇناپىقلارغا جازا يۈرۈشى قىلالمايدىغان بولدۇم، ھەي پەرۋەردىگارىم، ئەجەبا، بېشىمغا بۇ كۈنلەرنى سالدىڭ!> دەپ خېلى ئۇزاق ئاھ ئۇردى.» بۇ يەردە جۇگې لياڭنىڭ قارارگاھلارنى ئاخىرقى قېتىم كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى يېزىلغان. گەپ كۆپ ئەمەس، بىراق، ئۇنىڭ بارلىقىنى بېغىشلايدىغان سادىق - ساداقەتمەنلىكى ئېنىق سۈرەتلەنگەن. ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىدىن لۇشۈن سىدام تەسۋىرنىڭ ماھىرى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئارتۇقچە مەنزىرە تەسۋىرى، ئارتۇقچە پېرسوناژلار دىئالوگى يوق، پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى ۋە شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىنى كۆپىنچە ئىخچام سىدام تەسۋىر بىلەن چوڭقۇر سۈرەتلەپ بەرگەن. مەسىلەن، »گاۋموللام«دا گاۋموللامنىڭ كىشىلەر بىلەن قىسقىغىنە سالاملىشىش ئەھۋالىنى بايان قىلىپلا، بۇ ئىككىسىنىڭ ساختا، مۇتەئەسسىپ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىغان: « − ئوھوي! چۇ جانابلىرى! دىدار غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت!... − ۋەن ياۋفۇ ھە دەپ قوللىرىنى جۈپتەكلىدى ھەم ھازىرلا تىزلىنىدىغاندەك تىز ۋە يوتىلىرىنى نەچچە يەردىن ئەگدى. − ئوھوي! ياۋ جانابلىرى! دىدار غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت!... − چۇ بوۋاي سومكىسىنى قولتۇقلاپ بۇرۇنقىدەكلا ئىشلىگەچ دېدى.» بۇ مىسالدا گەپ كۆپ ئەمەس، لېكىن ئوبرازلار شۇنچە روشەن.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات بىلىملىرى