تېمىدىن باش تېمىنى چەككىلەپ ئېلىش
ئەدەبىيات بىلىملىرى
مەشھۇر ئوپېرا «ئاق چاچلىق قىز» نىڭ ماتېرىيالى ھەقىقىي ۋەقەدىن ئېلىنغان.1940 - يىللىرى ئەتراپىدا خېبېي ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى ئاياللار ئىبادەتخانىسىدا بىر ئاق چاچلىق پەرىزات ھەمىشە «زاھىر» بولۇپ تۇرىدىكەن. كەنتتىكى كىشىلەر ھەرئاينىڭ1 - ۋە15 - كۈنلىرى ئۇنىڭغا يېمەكلىك سوۋغا قىلىدىكەن، بولمىسا، ئاپەت ياغىدىكەن.8 - ئارمىيە بۇ كەنتنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن ئاممىنى يىغىپ يىغىن ئاچماقچى بولغاندا، كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى پەرىزاتقا چوقۇنغىلى كېتىپ، بىرمۇ ئادەم يىغىنغا كەلمەيدۇ. رايون كادىرلىرى بۇتخانىغا كىرىپ، «ئالۋاستى» نى تۇتۇشنى قارار قىلىدۇ، نەتىجىدە، بۇتخانىنىڭ كەينىدىكى غاردىن «ئاق چاچلىق پەرىزات» نى تۇتىدۇ، قارىسا ئۇ يەردە بىر كىچىك «ئاق چاچلىق پەرىزات» بار ئىكەن. سوراش نەتىجىسىدە، «پەرىزات» ئەسلىدە كەنتتىكى بىر كەمبەغەل دېھقاننىڭ قىزى ئىكەنلىكى، زومىگەر پومېشچىك قەرز سۈيلەپ ئۇنىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇ قىزنىڭ نومۇسىنى بۇلغىغانلىقى، كېيىن ئۇنىڭغىمۇ زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلىقى، ئۇ ئىلاجىسىز تاغقا قېچىپ چىقىپ، ئاياللار بۇتخانىسىدىكى ئەرۋاھلارغا ئاتالغان يېمەكلىكلەر بىلەن جېنىنى ساقلىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
ھېكايە يەنئەنگە يەتكەندىن كېيىن، يازغۇچىلار ئۇنى يېزىپ چىقماقچى بولىدۇ، لېكىن بۇ ھېكايىنىڭ زادى نېمىنى چۈشەندۈرىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىدى. باشتا بەزىلەر بۇ ھېكايىدىن خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇشتا پايدىلانغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ؛ بەزىلەر ئۇنىڭ ھەم خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇش رولى بار، ھەم فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش ئەھمىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ؛ ئاخىر چوڭقۇر تەھلىل - تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ھەممەيلەن بۇ ھېكايىنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى «كونا جەمئىيەتنىڭ ئادەمنى <جىن>غا ئايلاندۇرىدىغانلىقى، يېڭى جەمئىيەتنىڭ <جىن>نى ئادەمگە ئايلاندۇرىدىغانلىقى» نى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت دېگەن تونۇشقا كېلىدۇ. يازغۇچى خې جىڭجى مۇشۇ باش تېما ئاساسىدا «ئاق چاچلىق قىز» نى يېزىپ چىقىدۇ.
«ئاق چاچلىق قىز» نىڭ ئىجادىيەت جەريانى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، باش تېما تېمىدىن چەككىلەپ ئېلىنىدۇ، تېما باش تېمىنى چەككىلەپ ئېلىشنىڭ ئاساسى. تېما بولمىسا، باش تېمىنى چەككىلەپ ئېلىش مۇمكىن بولمايدۇ. يازغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى تېمىغا يوشۇرۇنغان چوڭقۇر مەنىنى ئومۇملاشتۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. باش تېمىنى توغرا، چوڭقۇر، يېڭىچە مەنىدە چەككىلەپ ئېلىش ئۈچۈن، يازغۇچى تېما ۋەقەلىكىنى تەھلىل قىلىپ، سېلىشتۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ، شاكىلىنى تاشلاپ مېغىزىنى ئېلىش، ساختىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ھەقىقىيسىنى ساقلاپ قېلىش، بۇنىڭدىن ئۇنىڭغا ئۆتۈش، تېشىدىن ئىچىگە ئۆتۈش جەريانى ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىلا، ئۆزگىچە، چوڭقۇر يېڭى مەنىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ چىقالايدۇ.
باش تېما (باش تېما ئىدىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئەسەرنىڭ جېنى. ئۇ يازغۇچى ئەسەرنىڭ مەزمۇنى (بەدىئىي ئوبراز) ئارقىلىق ئىپادىلىگەن ئاساسىي نۇقتىئىنەزەر ۋە مەركىزىي ئىدىيىدۇر. بىرەر ئەسەرنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن، قىممىتىنىڭ چوڭ - كىچىك، رولىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىز، تەسىرىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى ئاساسەن باش تېمىغا باغلىق، باشقىلىرى، مەسىلەن، تىل، ماھارەت قاتارلىقلار مۇھىم بولسىمۇ، پەقەت باش تېمىغا خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار ئەسەرنىڭ ياخشى - يامانلىقىنى بەلگىلەشنىڭ ئۆلچىمى بولالمايدۇ.
بىر ئەسەردە ئادەتتە بىرلا باش تېما بولىدۇ، ئىككى، ئۈچ ياكى نۇرغۇن باش تېما بولمايدۇ. بولمىسا، مەركىزى يوق «تۇتۇرۇقسىز ئەسەر» بولۇپ قالىدۇ. دەرۋەقە، مەزمۇنى مۇرەككەپ، ھەجىمى چوڭ ئەسەرلەرنىڭ باش تېمىسى توغرىسىدا تالاش - تارتىش بولىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال.