نەسر
ئەدەبىيات بىلىملىرى
نەسر − جانلىق، بەدىئىيلىك بىلەن ھېسسىيات گىرەلەشكەن ئەدەبىي ژانىر. ئۇ پروزا، درامىلارغا قارىغاندا رېئال تۇرمۇشنى تېز ۋە كەڭ ئەكس ئەتتۈرىدۇ. يېزىلىش جەھەتتە ئۇ ئېقىن سۇدەك راۋان، شەكىل جەھەتتە ئەركىن ۋە چاققان بولۇپ، قەلەمنى خالىغانچە ئىشقا سالغىلى بولىدۇ، ھەجىم جەھەتتە ئۇزۇن يازغىلىمۇ، قىسقا يازغىلىمۇ بولىدۇ. ئۇزۇنى نەچچە مىڭ سۆزدىن ئاشىدۇ، ئوقۇسا ئۇزۇن بىلىنمەيدۇ؛ قىسقىسى بىرەر يۈز سۆزچە بولىدۇ، ئوقۇسا قىسقا تۇيۇلمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈنۈش ۋە شەيئىلەرنى تەسۋىرلىگىلى، مەقسەتنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، بەك قۇلاي.
نەسرنىڭ تارىخى ئۇزاق. ئېلىمىزدە بۇرۇن ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىچىدە نەزمىي ئەسەرلەردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى نەسر دەپ ئاتىلاتتى. «4 - ماي» ھەرىكىتىدىن كېيىن ئەدەبىي ئەسەرلەردىن پروزا، شېئىر، درامىلاردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى نەسر دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. فېليەتون، ئىلمىي پارچە، خاتىرە، ئاخبارات ئەدەبىياتى، بىئوگرافىك ئەدەبىيات، ساياھەتنامىلەرنىڭ ھەممىسى نەسرگە كىرىدۇ.
نەسرنىڭ ئۈچ ئالاھىدىلىكى بار. بىرىنچى، تېما دائىرىسى كەڭ، ماتېرىيال ئېلىش ئەركىن. ئۇنىڭدا ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئىشلارنى يازغىلىمۇ، توقۇلمىلارنى قوشقىلىمۇ بولىدۇ؛ خىزمەت ۋە كۈرەش ھاياتىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى يازغىلىمۇ، ئۇنىڭ بىر كۆرۈنۈشى، بىر بۆلىكى، بىر كارتىنىسىنى تاللىۋېلىپ كۈچەپ تەسۋىرلىگىلىمۇ بولىدۇ؛ زەررىدىن دۇنيانى كۆرگىلىمۇ، گۈل بەرگىدىن پايدىلىنىپ ھېسسىياتنى ئىپادىلىگىلىمۇ بولىدۇ؛ ئالەمدىن چوڭ نەرسىلەرنى يازغىلىمۇ، قۇرت - قوڭغۇزدىن كىچىك نەرسىلەرنى تەسۋىرلىگىلىمۇ بولىدۇ. مەيلى يېڭى ئادەم، ئىش، شەيئى، مەنزىرە بولسۇن، مەيلى ئىدىيىدە چاقنىغان ئۇچقۇن ياكى ھېسسىياتتىكى بىر قېتىملىق داۋالغۇش بولسۇن، ھەممىسىنى نەسرنىڭ تېمىسى قىلىشقا بولىدۇ. نەسرنىڭ دائىرىسى چەكسىز، مەيلى ئۆتمۈشتىكى ياكى ھازىرقىسى بولسۇن، مەيلى چەت ئەلدىكىسى ياكى جۇڭگودىكىسى بولسۇن، ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىككىنچى، نەسرنى يېزىش ئەركىن، ھېچقانداق شەكىل ياكى رامكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئۇنىڭدا شېئىرغا ئوخشاش تىلنى چەككىلىمىسىمۇ، قاپىيىگە سالمىسىمۇ، رىتىمغا كەلتۈرمىسىمۇ بولىدۇ. ھېكايىگە ئوخشاش مۇكەممەل پېرسوناژ ئوبرازىنى ئىنچىكە سۈرەتلىمىسىمۇ بولىدۇ، درامىغا ئوخشاش زىددىيەت توقۇنۇشلىرىنىڭ پۈتۈن تەرەققىيات جەريانىنى يېزىشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق. ئۇ ھەرقانداق شەكىل ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى چەكلىمىسىز قوللىنالايدۇ. قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ بىرلا خىل ئەمەس، چاچقىلىمۇ، يىغقىلىمۇ بولىدۇ، تولىمۇ جانلىق. يېزىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئېنىق بىر لىنىيە بويىچە بايان قىلسىلا نەسر پۈتۈپ چىقىدۇ. ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە، بايان قىلىش، تەسۋىرلەش، لىرىكىلىق ئىپادىلەش، مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ھەرقاندىقىنى ياكى ھەممىسىنى قوللانسا بولۇۋېرىدۇ.
ئۈچىنچى، تىل ئىشلىتىشكە كەلسەك، نەسردە تىلغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. نەسر پروزىغا ئوخشاش ئوقۇرمەننى قىزىقارلىق ۋەقەلىك بىلەن جەلپ قىلمايدۇ. درامىغا ئوخشاش ئاۋامنى يۈرەك تارىنى چېكىدىغان زىددىيەت توقۇنۇشلىرى بىلەن ئۆزىگە تارتمايدۇ؛ ئۇنىڭ بەدىئىي تارتىش كۈچى ناھايىتى زور دەرىجىدە تىلنىڭ تاۋلانغانلىقى، گۈزەللىكى، ئاددىي، ئېنىقلىقى ياكى رەڭدار، كۆركەملىكى، قىزغىن، نەپىسلىكىدىن كېلىدۇ. مۇھاكىمە خاراكتېرلىك نەسرلەردىمۇ ئوبرازلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، ئۇ قۇرۇق ۋەز - نەسىھەتتىن ھەزەر ئەيلەپ، شەكىلسىز ھېس قىلدۇرۇش، ئاۋازسىز پىچىرلاش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە بەدىئىي گۈزەللىك تۇيغۇسى بەخش ئېتىدۇ.