گۇمانىزملىق ئېقىم ۋە ئەدەبىيات
ئەدەبىيات بىلىملىرى
«ئىنسان كارامەت بۈيۈك ئەسەر! بىباھا ئىدراك! ئۇلۇغ كۈچ! گۈزەل قىياپەت! نەپىس ھەرىكەت! ھەرىكىتى بەئەينى پەرىشتە! ئەقىلدا بەئەينى ئىلاھ! ئالەمنىڭ جەۋھىرى! مەۋجۇداتلارنىڭ جېنى!» ئەنگلىيە يازغۇچىسى شېكېسپېر مەشھۇر ئەسىرى «ھاملېت» تا «ئادەم» نى باش قەھرىماننىڭ ئاغزىدىن شۇنداق تەرىپلىگەن.
«ئادەم» نى مۇشۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈش، «ئادەم» نىڭ قىممىتى، ئورنىغا ئەھمىيەت بېرىش14 - ئەسىردىن16 - ئەسىرگىچە ئەنگلىيىدە ۋە پۈتكۈل ياۋروپادا گۇمانىزملىق ئىدىيىۋى ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئېقىم «ئادەم» ئارقىلىق «ئىلاھ» قا، «كىشىلىك ھوقۇق» ئارقىلىق »پادىشاھلىق ھوقۇق«قا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئادەمگە ھۆرمەت قىلىش، غەمخورلۇق قىلىشنى، ئادەم ئاساس قىلىنغان دۇنيا قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. گۇمانىزملىق ئىدىيىۋى ئېقىم يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن بۇرژۇئازىيىنىڭ فېئوداللىق ھاكىممۇتلەقلىققە قارشى تۇرۇش، ئىلاھىي ھوقۇقنى تەنقىدلەش قورالى بولۇپ، ئەينى چاغدا ئىنتايىن زور تەسىر قوزغىغان. بۇنىڭ ئىچىدە گۇمانىزملىق ئەدەبىياتنىڭمۇ بىر ئۈلۈش ھەسسىسى بار. گۇمانىزملىق ئەدەبىيات بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق ئادىمىيلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شەخسنىڭ ئازادلىقىنى تەرغىب قىلىدۇ، جاھالەتپەرەسلىككە قارشى تۇرىدۇ. ئەنگلىيىلىك شېكېسپېر، ئىتالىيىلىك بوكاچچو، ئىسپانىيىلىك سېرۋانتېس قاتارلىقلار مەشھۇر گۇمانىست يازغۇچىلاردۇر.
بوكاچچو ۋەكىللىك ئەسىرى «ئون كۈنلۈك سۆھبەت» تە روھانىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ چىرىك ۋە چۈشكۈنلۈكىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئاۋامنىڭ پاراسەتلىكلىكى ۋە باتۇرلۇقىنى مەدھىيىلەپ، فېئودال دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ زاھىتلىقىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان. سېرۋانتېس ۋەكىللىك ئەسىرى «دونكىخوت» تا دونكىخوتنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن رىتسارلىق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى بىر قاتار كۈلكىلىك ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىسپانىيە فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ نامۇۋاپىق رېئاللىقىنى قامچىلىغان. گۇمانىزملىق پىكىر ئېقىمى ياۋروپادا ئوتتۇرا ئەسىردە مىڭ يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن جاھالەتلىك ئىدىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ، دۇنيا تارىخىدا يېڭى ئەسىر ياراتتى، گۇمانىزملىق ئەدەبىياتمۇ دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئادەم ئىلاھنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ مەدھىيىلەش ئوبيېكتىغا ئايلاندى.