ئىدراكنى ئەلا بىلىدىغان كلاسسىزم
ئەدەبىيات بىلىملىرى
17 - ئەسىردە، فرانسىيىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى پىپېر كور ئېللىي «شىد» (سەركەردە) ناملىق تراگېدىيىنى يېزىپ، بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇق دون رودېرىك بىلەن سىمېننانى تەسۋىرلىگەن. بۇ ئىككىسىنىڭ ئاتىسى رەقىبلەردىن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى قاتتىق بېسىمغا ئۇچرايدۇ. بۇ چاغدا مورلار بېسىپ كىرىدۇ. رودېرىك ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن، فرونتقا بېرىپ دۈشمەننى قەھرىمانلارچە قىرىدۇ. رودېرىك خىزمەت كۆرسەتكەندىن كېيىن، پادىشاھ ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ زىددىيەتنى ياراشتۇرىدۇ، رودېرىك بىلەن سىمېننا ئاخىر توي قىلىدۇ. بۇ دراما ھەم پادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ھەم ئىدراكنىڭ ھەممىدىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى شەخسىي ئۆچ - ئاداۋەتنىڭ ئۈستىگە قويۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، سىياسەت ۋە ئەخلاقىي قاراشنىڭ ئۆلچىمىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كلاسسىزم ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان ئەسەر بولۇپ قالغان.
كلاسسىزملىق ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى: قەدىمكىنى ئەلا بىلىپ، يۇنان ۋە قەدىمكى رىم يازغۇچىلىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۈلگە قىلىدۇ، شۇنداقلا قەدىمكى يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ھەققىدىكى نەزەرىيىلىرى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ شەكلىگە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىدۇ، بىر ھېكايىدە بىرلا ۋەقەلىك بولۇشى، بۇ ۋەقەلىك بىر ئورۇندا يۈز بېرىپ، بىر كۈندە تاماملىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مانا بۇ ئاتالمىش «ئۈچ بىر پرىنسىپى» دۇر.
كلاسسىزم ئەدەبىياتى پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىشتا، ئورتاقلىققىلا ئەھمىيەت بېرىپ، خاسلىققا سەل قارايدۇ ياكى پېرسوناژلار خاراكتېرىنىڭ مەلۇم بىر ئالاھىدىلىكىنىلا گەۋدىلەندۈرۈپ، پېرسوناژلارنى جانلىق، كونكرېت، ئەتراپلىق تەسۋىرلەشكە سەل قارايدۇ. نەتىجىدە، بۇ پېرسوناژلار ھېسسىياتسىز بولۇپ، جانلىق تىپ بولالمايدۇ. پەقەت بەزى گۈزەل ئەخلاق ياكى ناچار قىلىقلارنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار يا ساداقەتمەنلىك، باتۇرلۇق، ئاق كۆڭۈللۈك، ئەقىل - پاراسەتنىڭ ئالمىشىشى، بەد نىيەتلىك، قورقۇنچاقلىق، پىخسىقلىق، ساختىپەزلىكنىڭ ئوبرازلاشتۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بولىدۇ.
كلاسسىزملىق ئەدەبىياتنىڭ ۋەقەلىكى ئاددىي، قۇرۇلمىسى پۇختا بولىدۇ. بىراق، ئۇنىڭدا ئەسلىدە مۇۋاپىق بەزى نەرسىلەر چەكلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنى ئۆزى چۈشەپ قويىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەسەرنى ئابستراكت ئىدراكنىڭ جارچىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى بولغان ھېسسىياتتىن ئايرىلىپ، ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ.19 - ئەسىرگە كەلگەندە، كلاسسىزمنىڭ ئورنىنى رومانتىزملىق ئەدەبىيات ئىگىلىدى.