UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىيات بىلىملىرىرېئالىزم ۋە رومانتىزم

رېئالىزم ۋە رومانتىزم

ئەدەبىيات بىلىملىرى بۇ ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئىككى چوڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلى. دۇ فۇنىڭ «ئۈچ بەگ»، «ئۈچ جۇدالىق» ىنى ئوقۇغانلىقى كىشىلەر ئۇنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلىشىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ «شىخاۋ بېگى» دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا، گويا ئۆڭلۈك - سۆيگۈن توپىلىڭى ۋاقتىدا بەگلەرنىڭ كېچىدە ئادەم تۇتقىلى كەلگەنلىكى، بوۋاي تامدىن ئارتىلىپ قاچقانلىقى، موماي ئاستاغىنە ئىشىك ئاچقانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەندەك ۋە بەگ ۋارقىراپ ھەيۋە قىلغانلىقى، موماي نالە - زار قىلغانلىقىنى ئەينەن ئاڭلىغاندەك بولىمىز. لى بەينىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا بولسا، ئۇنىڭ ئۆزگىچە تەسەۋۋۇرى ۋە دادىل مۇبالىغىلىرىگە قايىل بولىمىز. مەسىلەن، «چۈشۈمدە تيەنمۇ تېغىنى زىيارەت قىلغانلىقىمغا بېغىشلاپ» دېگەن شېئىرىدا شائىر بىزنى گاھ سېھرىي ئالەمگە باشلاپ بارسا، گاھ كىشىلەر ئارىسىغا باشلاپ كېلىدۇ، تۇرۇپ ئەپسانە - رىۋايەتلەردىن پايدىلىنىپ ئۆز غايىسىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭدەك، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانىدا ساۋ شۆچىن تەسۋىرلىگەن لىن دەييۈ، جيا باۋيۈلەر مەيلى غەلۋە قىلىپ يىغلاپ كۈلسۇن ياكى نەزم توقۇپ رەسىم سىزسۇن، ھەممىسى ئازراقمۇ يالغىنى يوق ھەقىقىي كىشىلەر؛ بىراق، «غەربكە ساياھەت» ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ۋۇ چېڭئېن تەسۋىرلىگەن سۈن ۋۇكۇڭ مىڭ پاتمان ئۇمۇتنى قولىغا ئېلىپ، بىر موللاق ئېتىپ ئون سەككىز مىڭ چاقىرىم يىراققا كېتىدۇ. ئۇ تۇرۇپ بۇلۇتلار ئارا ئەرشنى مالىمان قىلسا، تۇرۇپ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئالۋاستىلار بىلەن ئېلىشىدۇ. بۇنىڭ ئاپتورنىڭ خىيالىي تەسەۋۋۇرى ئىكەنلىكىنى كىملا بولسا بىلىۋالىدۇ. بىراق، مەيلى دۇ فۇ ياكى لى بەي بولسۇن، مەيلى ساۋ شۆچېن ياكى ۋۇ چېڭئېن بولسۇن، ھەممىسى ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتكە نارازىلىقى ۋە گۈزەل غايىگە ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىگەن، پەقەت بۇ مەزمۇنلارنى ئىپادىلەشتە قوللانغان ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، خالاس. دۇ فۇ بىلەن ساۋ شۆچېن رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قوللانغان؛ لى بەي بىلەن ۋۇ چېڭئېن رومانتىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قوللانغان. رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئۇ، ئاپتورنىڭ تۇرمۇشنى ئەسلىي قىياپىتى بويىچە يېزىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بەدىئىي ئوبرازنىڭ چىنلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ئۇسۇل تەپسىلات، ۋەقەلىك، مۇھىتتىن پېرسوناژلارنىڭ تاشقى قىياپىتى ۋە ئىچكى دۇنياسىغىچە تۇرمۇش لوگىكىسىغا ئۇيغۇن تەسۋىرلەشنى، ئاپتور ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتى ۋە خاھىشىنى ئۇدۇللا ئېيتماي، كونكرېت، جانلىق ئوبراز ۋە كۆرۈنۈشلەر ياردىمىدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەكىتلەيدۇ. رومانتىزملىق ئىجادىيەت بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئاپتورنىڭ ئۆز غايىسىدىكى تۇرمۇشنى يېزىشىنى، غايىۋىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاپتورنىڭ رېئال تۇرمۇشنى ئوبيېكتىپ تەسۋىرلەش بىلەن چۈشىلىپ قالماي، غايىۋى جەمئىيەتكە بولغان قىزغىن ئىنتىلىشىنى تولۇق ئىپادىلىشىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭدا ھەمىشە فانتازىيىلىك، مەۋھۇم ۋە ئاجايىپ - غارايىپ ۋەقەلىكلەر يېزىلىدۇ، دادىل مۇبالىغە قىلىنىدۇ. مۇنداق ئەسەرلەرنىڭ تەسەۋۋۇرى مول، ۋەقەلىكلىرى ئاجايىپ، ھېسسىياتى تولۇق، تىلى رەڭدار بولىدۇ. رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىلەن رومانتىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىر - بىرىگە زىت ئەمەس، بەزىدە بىر يازغۇچى ئىككىلىسىنى تەڭ قوللىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. لۇشۈن «چۇقان»، «تېڭىرقاش» لارنى يازغاندا ئاساسەن رېئالىزملىق ئۇسۇل قوللانغان بولسا، «يېڭى يېزىلغان كونا ھېكايىلەر» نى يازغاندا رومانتىزملىق ئۇسۇل قوللانغان.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات بىلىملىرى