پۇختا قۇرۇلما
ئەدەبىيات بىلىملىرى
روس يازغۇچىسى لېﻒ تولستوي ئۆزىنىڭ رومانى «ئاننا كارىنىنا» ھەققىدە توختالغىنىدا: «مەن دەرۋازا ئەگمىلىرىنى كىشىلەر ئۇنىڭدىن قەلئەنىڭ نەدىلىكىنى بىلەلمىگۈدەك قىلىپ تۇتاشتۇرىدىغان بىناكارلىق سەنئىتىدىن پەخىرلىنىمەن» دېگەن، بۇ ئەدەبىي ئەسەرنىڭ پۇختا قۇرۇلمىسى بولۇشى لازىم دېگەنلىكتۇر.
قۇرۇلما (كومپوزىتسىيە) ئەسلىدە بىناكار ئۆي سالغاندا قوپۇرغان ئۆينىڭ تۈزۈلمىسىنى كۆرسىتەتتى، كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئەسەرنىڭ ئىچكى تەشكىللىنىش قۇرۇلمىسىنى كۆرسىتىدىغان بولدى. ئۇ ئاۋۋال نېمىنى، كېيىن نېمىنى يېزىش، قانداق باشلاپ، قانداق ئاخىرلاشتۇرۇش، نەچچە قاتلام، نەچچە ئابزاسقا بۆلۈش، قەيەرلىرىنى تەپسىلىي، قەيەرلىرىنى ئىخچام يېزىش، مەزمۇنلارنى قانداق ئۇلاش، بىر مەزمۇندىن يەنە بىر مەزمۇنغا قانداق ئۆتۈش كېرەك، دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇرمۇش ماتېرىياللىرىنى مۇۋاپىق ۋە تەكشى جايلاشتۇرۇپ، مۇكەممەل بەدىئىي بىر پۈتۈنلۈككە ئايلاندۇرغاندا، پېرسوناژلار ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەسەرنىڭ باش تېمىسىنى ئېچىپ بەرگىلى بولىدۇ.
ئەدەبىي ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئۇنىڭ شەكلىنىڭ مۇھىم ئامىلى. قۇرۇلمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پرىنسىپى ئاۋۋال باش تېما ئىدىيىسىنى ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا بويسۇنۇشتۇر. ئەسەر قۇرۇلمىسىنىڭ ۋەزىپىسى باش تېما ئىدىيىسىنى تولۇق ئېچىپ بېرىش، يەنى ۋەقەلىكنى باش تېما ئىدىيىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئۇيۇشتۇرۇش ۋە مونتاژ قىلىشتىن ئىبارەت. لېﻒ تولستوينىڭ «تىرىلىش» رومانىنىڭ دەسلەپكى ئورىگىنالىنىڭ باش تېمىسى ئەخلاق مەسىلىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەسەرنىڭ ماتېرىياللىرى ئەر باش قەھرىمان نېخرۇدوفنى مەركەز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەسەر ۋەقەلىكى ئوڭ بايان شەكلىدە قانات يايدۇرۇلغان، كېيىن ئاپتورنىڭ ئىدىيىسى باش تېمىنى مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ جىنايەتلىرىنى تەنقىد قىلىش ۋە ئېچىپ تاشلاشقا ئۆزگەرتىشكە بۇرالغان، ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ شۇنىڭغا مۇۋاپىق ئۆزگىرىپ، ئايال باش قەھرىمان ماسلوۋا روماننىڭ مەركىزىي پېرسوناژى بولغان ۋەقەلەر شۇنى چۆرىدەپ قانات يايغان، نېخرۇدوفنىڭ ئۇنىڭ جىنايىتىنى يەڭگىللىتىش يولىدا تەرەپ - تەرەپكە چېپىشىغا ئەگىشىپ مەزمۇنىمۇ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلغان، شۇ ئارقىلىق چار پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ زۇلمەتلىكلىكى ئېچىپ تاشلانغان.
ئىككىنچىدىن، ئەدەبىي ئەسەر قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پرىنسىپى پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىشقا بويسۇنۇشتۇر. مۇپاسساننىڭ «مارجان» ھېكايىسىدە مارجان ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، مارجان ئارىيەت ئېلىش، مارجان يىتتۈرۈش، مارجان تۆلەش قاتارلىق ۋەقەلىكلەر ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاخىردا ھېكايىنىڭ ئايال باش قەھرىمانى ماتېلدا خانىم يېمەي - كىيمەي10 يىل پۇل تېجەپ مارجاننى تۆلەپ بەرگەندە، ئاپتور توساتتىن ئۇ ئارىيەت ئالغان مارجاننىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. كىشىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالىدىغان بۇ ئەگرى - توقاي ۋەقەلىك، بۇ ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇرۇلما تامامەن ماتېلدا خانىمنىڭ شۆھرەتپەرەس خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن بولۇپ، ئۇنىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەتكە بېرىلىدىغان، چۈشىدىمۇ كەيپ - ساپا تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالايدىغان شەھەر ئۇششاق بۇرژۇئازىيىچە بەدىئىي ئوبرازى يارىتىلغان.
ئەسەر قۇرۇلمىسىنى پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ مۇھىم شەرتى، شۇنىڭدەك يازغۇچىنىڭ ئىنتىلىش نىشانى، ئەدەبىي ئەسەر قۇرۇلمىسى پۇختا، تەبىئىي، مۇكەممەل، بىرلىككە كەلگەن بولۇشى كېرەك. ئۇ ھەم شامال كىرمىگۈدەك ھىم بولۇشى، ھەم تۇرمۇش لوگىكىسىغا ئۇيغۇن، رەتلىك بولۇشى لازىم. مەزمۇن جەھەتتە باش - ئايىغى ماسلاشقان، تەكشى ۋە تولۇق بولۇپلا قالماي، يەنە گارمونىيىلىك ھالدا بىرلىككە كېلىشى، باشتىن - ئاخىر بىر تۇتاشلىقى ساقلىنىشى لازىم.