UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىيات بىلىملىرىكىنايە

كىنايە

ئەدەبىيات بىلىملىرى تۇرمۇشتىكى قارىمۇقارشى ياكى قالاق شەيئىلەرنى مەسخىرە ۋە مازاق قىلىش ئۇسلۇبى بىلەن ئېچىپ بېرىدىغان كومېدىيىلىك ئۈنۈمگە ئىگە سەنئەت «كىنايە» دېيىلىدۇ. لۇشۈننىڭ «ئا Q نىڭ ھەقىقىي تەرجىمىھالى» دىكى «روھىي غالىبىيەتچىلىك» ھەققىدىكى تەسۋىرلەردە كىنايە ئۇسۇلى قوللىنىلغان. كىنايىنىڭ ھاياتى − چىنلىق. ئۇ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولغان كومېدىيىلىك تۈسكە ئىگە زىددىيەت ۋە غەيرىي شەكىللىك ئالاھىدە نەرسىلەرنى بەدىئىي ئۇسۇل بىلەن ئېچىپ بېرىش، بەزى كۈلكە ماتېرىياللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىش ياكى يېغىرىغا تېگىش يولى بىلەن كىنايە قىلماسلىقى ھەم بەك ئاشكارا قىلماسلىقى، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى، لايىقىدا قىلىشى لازىم. كىنايىدە تەسۋىرلىنىۋاتقان ئوبيېكتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، بەزىدە مۇبالىغە ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، لۇشۈن، »يوقىلاڭ ئىشقا ئارىلىشىش. ئىلىم تەھسىل قىلىش. كۈل رەڭ توغرىسىدا ئەبجەش ئويلار« دېگەن فېليەتونىدا بەزىلەرنىڭ يوقىلاڭ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقىنى باھانە قىلىشنىڭ ساختىلىقىنى مۇنداق كىنايە قىلغان: «... مېنىڭ ھازىر ھېس قىلىشىمچە، دۇنيادا يوقىلاڭ ئىشلارغا ئارىلىشىدىغانلار يوقتەك قىلىدۇ، بەزىلەر ئارىلاشقان بولسا، ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ؛ ئىنسانلارنى سۆيۈشىمۇ ئۆزىنىڭ ئادەم بولغىنى ئۈچۈندۇر. ناۋادا بىز مارستا بىرەرسى بىلەن يەنە بىرەرسىنىڭ ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى ئۇقساق، بۇنىڭ يولى ئاسان، بىز زىياپەت راسلاپ يىغىن ئاچىمىز - دە، بىرىنى قوللايمىز ياكى يەنە بىرىنى ئىنكار قىلىمىز، بۇنىڭ يوقىلاڭ ئىشقا ئارىلاشقاندەك كۆرۈنۈشى تەبىئىي. شۇنداق بولسىمۇ، مارستىكى ئىشلارنى <بىلىش>كە بولغان ئىكەن ياكى ھېچبولمىغاندا خەۋەرلىشىشكە بولغان ئىكەن، ئۇ ھالدا بىزگە مۇناسىۋىتىمۇ بار بولىدۇ، يوقىلاڭ ئىشقا ئارىلاشقانلىق ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى، خەۋەرلىشىشكە بولغان ئىكەن، كەلگۈسىدە باردى - كەلدى قىلىشقىمۇ بولىدۇ دېگەن گەپ. ئۇلار ھامىنى بىزنىڭ بېشىمىزدا تۇرۇۋاتىدۇ غۇ، بىز يەر شارىدا بولغان ئىكەنمىز، قەيەردە يۈز بەرگەن ئىش بولمىسۇن، ھەممىسىنىڭ بىز بىلەن مۇناسىۋىتى بولىدۇ. ئارىلاشمىغانلارغا كەلسەك، ئۇلار يا بولغان ئىشنى بىلمىگەن بولىدۇ، يا ئارىلىشىپ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى بىلگەن بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ئىشنىڭ <يوقىلاڭ> بولغانلىقىدىن ئەمەس.» كىنايىنى ھېكايە، نەسر، تىياتىر، شېئىرلارنىڭ ھەممىسىدە قوللانغىلى بولىدۇ، فېليەتوندا كۆپرەك قوللىنىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات بىلىملىرى