مودېرنىزم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى
ئەدەبىيات بىلىملىرى
ئاۋسترىيە يازغۇچىسى فرانز كافكانىڭ «شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرىسى» پوۋېستىدا بىر شىركەتنىڭ مال ساتقۇچىسى گرىگول سامسا ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئۆزىنىڭ قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ. نەتىجىدە ئۇ خىزمەت ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، ئاتا - ئانىسىنى باقالمايلا قالماي، تېخى قەرزگە بوغۇلۇپ، ئائىلىنىڭ يۈكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ۋە ئازابلىشىغا ئۇچراپ، ئاخىر تەنھالىق، ئازاب ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەرمۇ يۈكتىن قۇتۇلۇپ، «تەڭرىگە رەھمەت ئېيتىدۇ.»
ئادەمنىڭ بىر كېچىدىلا قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قېلىشى رېئاللىقتا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، ئېنىقلا بىر توقۇلما. ئەمما كافكا گرىگول سامسا قوڭغۇزغا ئايلانغاندىن كېيىنكى ۋەھىمە، ئاپەت ۋە تەنھالىق تۇيغۇسىنى ئىنتايىن كونكرېت، ئەينەن تەسۋىرلىگەن. كېيىن كىشىلەر مۇشۇنداق ئىدىيىۋى خاھىش ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەسەرلەرنى غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتى دەپ ئاتايدىغان بولغان.
غەرب مودېرنىزم ئېقىمى19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بازار تېپىشقا باشلىغان مۇرەككەپ ئەدەبىي ھادىسە. مودېرنىزم ئەدەبىياتى غەربنىڭ كلاسسىزم ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان گەپ، ئۇ يەككە بىر ئېقىم ئەمەس، ھەر خىل نامدىكى ئىجادىيەت ئېقىملىرىنى ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەسەرنىڭ ئاساسىي تېمىسى، تەپسىلاتىنى سىمۋوللۇق ئۇسۇل بىلەن يوشۇرۇن كۆرسىتىپ، مىستىتسىزم، ئۈمىدسىزلىكنى تەرغىب قىلىدىغان «سىمۋولىزم»؛ يازغۇچىنىڭ تەنھالىقى، ئۈمىدسىزلىكى ۋە يوشۇرۇن ئېڭىنى ئىپادىلەيدىغان «ئىپادىزم»؛ جۆيلۈش، قالايمىقانچىلىق ۋە بىمەنە ئوبرازلارنى ئىپادىلەيدىغان «دادائىزم»؛ دۇنيانىڭ بىمەنىلىكى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئازابلىقلىقىنى ئىپادىلەيدىغان «مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەدەبىياتى»؛ مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزى بىمەنىلىك، كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت مەڭگۈ چىقىشالماسلىق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت دېگەننى تەرغىب قىلىدىغان «بىمەنە درامىچىلىق»، يەنە قورقۇنچلۇق قاراڭغۇ رېئال جەمئىيەتنى ئويناشقاندەك پرىنسىپ بىلەن مەسخىرە قىلىدىغان «قارا يۇمور» قاتارلىقلار بار.
مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى: كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئوڭۇشسىزلىق، مەنىۋى ئازاب، غەيرىي پسىخىكا، ئۈمىدسىز كەيپىيات ۋە نىگىلىستىك ئىدىيىلەرنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت. مودېرنىزمچى يازغۇچىلار ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسى، شەخسنىڭ كەيپىياتى، باغلانما تەسەۋۋۇرى ۋە خىيالىي تۇيغۇسىنى تەسۋىرلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئادەملەر يەككە - يېگانە، ئەرزىمەس نەرسە، ئادەملەر ئارا ئالاقىنىڭ راۋان بولۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. فرانسىيە مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەدەبىياتى ئېقىمى يازغۇچىسى سارترىنىڭ «ئىشىك كەينىدە» دېگەن درامىسىدا «باشقىلار مەن ئۈچۈن دوزاخ» دەيدىغان مەشھۇر بىر جۈملە سۆز بار. بۇ ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا نەپرەتلا بولىدۇكى، چۈشىنىش بولمايدۇ، دېگەنلىكتۇر. مۇنداق ئىدىيە مودېرنىزملىق ئەدەبىياتنىڭ ئورتاق خاھىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.