ئەدەبىي ئاخبارات
ئەدەبىيات بىلىملىرى
ئەدەبىي ئاخبارات − ھەقىقىي ئادەم - ھەقىقىي ئىشلارنى ئوبراز ياردىمىدە تېز ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەدەبىي ژانىر. ئۇ ئەدەبىي خاراكتېرلىك خەۋەر، ئوچېرك، تېز يازمىلارنىڭ ئومۇمىي نامى.
ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرى، ئاخبارات خاراكتېرى، يەنە بىرى، ئەدەبىيات خاراكتېرى، ئۈچىنچىسى، سىياسىي مۇھاكىمە (پوبلىستىكا) خاراكتېرى. ئۇ رېئال تۇرمۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيەتلىك ۋەقە، ئادەم، ۋاقىت، ئورۇن ياكى تارىخىي پاكىتلارنى ئوقۇرمەنلەرگە تېز، توغرا، ھەقىقىي يوسۇندا يەتكۈزىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئاخبارات خاراكتېرى. لېكىن، ئۇ ئاخبارات قىممىتى بار ئادەم ۋە ۋەقەلەرنى ئەدەبىي شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. يەنى پېرسوناژ ئوبرازىنى تەسۋىرلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى، سۇژىت قۇرۇلمىسىنى بەدىئىي تەشكىللەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشى، تىلى ئەدەبىي پۇراققا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ مەزمۇنى پۈتۈنلەي ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئىشلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئاپتور بۇ ماتېرىياللارغا زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، كۆزىتىش يوللىرى بىلەن ئېرىشىدۇ، ئەمما ئۇ زىيارەت قىلىپ ئېرىشكەن بۇ ماتېرىياللارنى پىششىقلاپ، ساختىسىنى تاشلاپ راستىنى ئېلىپ تەشكىللىشى، پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك. شۇڭلاشقا، بۇ ئەسەر كۈچلۈك بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش قۇدرىتىگە ئىگە بولىدۇ، ئادەتتىكى ئاخبارات خەۋەرلىرىگە ئوخشىمايدۇ.
ئەدەبىي ئاخبارات ئاپتوردىن كۈچلۈك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشنى، ئۆزىنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ھەققىدىكى ئېستېتىك ھېسسىياتى، ئېستېتىك نۇقتىئىنەزەرىنى ئەسەرگە سىڭدۈرۈۋېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ ئۆزى كۆرگەن پاكىتلار ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بار. بۇنىڭ بىلەن ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ باشقا بىر ئالاھىدىلىكى، يەنى سىياسىي مۇھاكىمە خاراكتېرى شەكىللىنىدۇ.
ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ ئاخبارات خەۋىرى ۋە ھېكايە - رومانلاردىن روشەن پەرقى بار. ئۇ گەرچە ئاخبارات خەۋىرىگە ئوخشاش پاكىتلارنى توغرا ۋە تېز ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك بولسىمۇ، ئەمما ئوبيېكتىپ پاكىتلارنى پىششىقلاپ ئومۇملاشتۇرىدۇ، ئاخبارات خەۋەرلىرىدە مۇنداق قىلمىسىمۇ بولىدۇ؛ ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ ھېكايە - رومانلارغا ئوخشاش پېرسوناژ ۋە ۋەقەلەرنى تەسۋىرلىشى تەلەپ قىلىنسىمۇ، ئۇنىڭدا ئاپتور پېرسوناژ ۋە ۋەقەلەر ھەققىدە بىۋاسىتە مۇھاكىمە قىلىپ، ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ، ھېكايە - رومانلاردا بولسا ئاپتورنىڭ ئۆز قارىشىنى ئوبراز يارىتىش ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈشى تەكىتلىنىدۇ، ئاپتور ئادەتتە بىۋاسىتە مۇھاكىمە يۈرگۈزمەيدۇ.