UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلاريېڭى دېھلى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى

يېڭى دېھلى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى

دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكىدا بەزى ئارخىتېكتورلار بەدىئىي ئۇسلۇبتىكى ئىمارەتلەرنى لايىھىلەشكە قىزىقىپ قالدى. ئۇلار بېتون ۋە مېتال قاتارلىق ھازىرقى زامان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئىنتايىن سىپتا ياساپ چىقىپ، تولىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن قۇرۇلۇش قىلىپ، چىرايلىق، نەپىس بىنالارنى سالدى. ئامېرىكىنىڭ يېڭى دېھلىدىكى باش ئەلچىخانىسى ئىككى يول كېسىشكەن جايدىكى بىر ئۇزۇنچاق تەكشىلىككە جايلاشقان، دەرۋازىدىن كىرگەندە ئىككى قاسنىقى بۈك - باراقسان دەل - دەرەخلىك چوڭ يول بار، ئاساسىي بىنا تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، چوڭ تەكشىلىككە سېلىنغان، ئۇنىڭ ئالدىدا بىر يۇمىلاق كۆل بار. بىنانىڭ تۆت ئەتراپى ئالتۇن يالىتىلغان ئىككى قەۋەتلىك پولات تۈۋرۈكلۈك كارىدور. تۈۋرۈكلۈك كارىدورنىڭ كەينى ئاق رەڭلىك تۆشۈكلۈك ئارىلىق تام. ئالدىن تەييارلانغان ساپال خىشتىن قوپۇرۇلغان ئارىلىق تامنىڭ تۇتاشقان يەرلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئالتۇن رەڭ يۇمىلاق مىخ بىلەن زىننەتلەنگەن. بىنانىڭ ئۆگزىسى ئىككى قەۋەتلىك، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدىغان قىلىپ يېپىلغان؛ بىنانىڭ سىرتقى تېمىمۇ ئىككى قەۋەتلىك، يەنى تۆشۈكلۈك ئارىلىق تامنىڭ ئارقىسىدا يەنە بىر ئەينەك تام بار. بىنانىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، نەپىس بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك نامايان قىلىدۇ. بەدىئىي ئۇسلۇبتىكى بەزى ئىمارەتلەر يەنە ئوتتۇرا ئەسىردىكى گوتچە ئىمارەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بۇنداق بىنالارغا ئۇچلۇق ئەگمىلەر چىقىرىلغان، ئالايلۇق،1964 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سېئاتل دۇنيا كۆرگەزمىسىدىكى ئىلىم - پەن سارىيى، قۇرۇلۇش جەھەتتە چوڭ - كىچىكلىكى، ئېگىز - پەسلىكى ھەر خىل ئۇچلۇق ئەگمىلەر تولىمۇ نەپىس ۋە يېڭىچە ئۇسلۇب شەكىللەندۈرگەن ساراي ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا مەيداندىكى ئۇچلۇق ئەگمە قۇرۇلمىلىق زامانىۋى ھەيكەللەر قوشۇلۇپ، كىشىنى تېخىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار
يېڭى دېھلى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى | UyghurWiki | UyghurWiki