UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلارئاسمان - پەلەك ئىمارەتلەر

ئاسمان - پەلەك ئىمارەتلەر

دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، بىناكارلىق تېخنىكىسىمۇ مۇناسىپ تەرەققىي قىلدى، ئېگىز قەۋەتلىك بىنالار ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە بارلىققا كېلىشكە باشلىدى.1871 - يىلى، چىكاگو شەھىرىدە پەۋقۇلئاددە چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، سەككىز كۋادرات كىلومېتىرلىق شەھەر رايونىدىكى ئۆيلەر پۈتۈنلەي دېگۈدەك كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتتى. ئوت ئاپىتىدىن كېيىن شەھەرنى قايتا قۇرۇشتا، ئېگىز قەۋەتلىك ئىمارەتلەر سېلىنىشقا باشلىدى. بۇنداق ئىمارەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە چويۇندىن قۇيۇلغان لىم - تۈۋرۈكلەر، خىش - تاشلار ئىشلىتىلدى. سىرتقى كۆرۈنۈشى ئاددىي، ئېگىزلىكى ئومۇميۈزلۈك10 قەۋەت ئەتراپىدا ئىدى. بورنھام بىلەن روت لايىھىلىگەن چىكاگودىكى تۇنجى10 قەۋەتلىك ئىمارەت − مونتاۋك بىناسى دەل مۇشۇ خىلدىكى ئىمارەت ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن »ئاسمان - پەلەك بىنا« دېگەن سۆز پەيدا بولدى. بىناكارلىق تارىخىدا،1885 - يىلى جېننېر لايىھىلىگەن ئائىلە سۇغۇرتىسى شىركىتىنىڭ بىناسى تۇنجى ئېگىز قەۋەتلىك بىنا دەپ قارىلىدۇ. بۇ بىنانىڭ قۇرۇلمىسى مۇستەقىل جاھازلارنىڭ قۇرۇلمىسى بويىچە ھېسابلانغان. ئېگىز قەۋەتلىك ئىمارەتلەردە تۇنجى بولۇپ پولات لىم ئىشلىتىلگەن بولغاچقا، ئۇ زامانىۋى ئېگىز قەۋەتلىك بىنالارنى لايىھىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلىنىپ، زامانىۋى ئىمارەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان. چىكاگودىكى ئېگىز قەۋەتلىك ئىمارەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە،1907 - يىلىغا كەلگەندە، سىنگېر شىركىتىنىڭ بىناسى205 مېتىرلىق (47 قەۋەت) ئېگىزلىك بىلەن خوف ئېھرامى (ئېگىزلىكى5 .146) بىلەن ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەڭ ئېگىز ۋورمىس چېركاۋى (ئېگىزلىكى161 مېتىر) دىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن سېلىنغان ۋۇلۋوس بىناسى (52 قەۋەت،241 مېتىر)، كرايسلېر بىناسى (77 قەۋەت،319 مېتىر) ۋە ئىمپېرىيە بىناسى (102 قەۋەت،381 مېتىر) ئەينى چاغدا كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىدىغان ئېگىز قەۋەتلىك قۇرۇلۇشلار بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدە سېلىنغان چىكاگودىكى ئېگىز قەۋەتلىك ئىمارەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، تېخنىكا جەھەتتە ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار
ئاسمان - پەلەك ئىمارەتلەر | UyghurWiki | UyghurWiki