دۇنيا سودا مەركىزى بىناسى
دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار
نيۇ يوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزى بىناسى1969 - يىلىدىن1973 - يىلىغىچە سېلىنغان. ئۇ مۇنارسىمان بىر جۈپ ئاسمان - پەلەك قوشماق بىنا ۋە يەتتە قەۋەتلىك تۆت دوم بىنادىن تەركىب تاپقان. مۇنارسىمان بىر جۈپ قوشماق بىنانىڭ ھەر ئىككىسى110 قەۋەتلىك، يەر ئاستى يەتتە قەۋەت بولۇپ، يەر يۈزىدىكى قىسمىنىڭ ئېگىزلىكى411 مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى1 مىليون200 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. يەر ئاستىدىكى قەۋەتلىرىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ئۇ ھازىر دۇنيا بويىچە قەۋەت سانى ئەڭ كۆپ ئاسمان - پەلەك بىنا ھېسابلىنىدۇ، بۇ بىنانى سېلىشقا750 مىليون دوللار كەتكەن.
بىنانىڭ تەكشىلىكتىكى ھالىتى چاسا شەكىللىك بولۇپ، ھەربىر قەۋىتىنىڭ يان ئۇزۇنلۇقى63 مېتىر كېلىدۇ، سىرتقى كۆرۈنۈشى چاسا تۈۋرۈك شەكلىدە. چاسا تۈۋرۈك شەكىل دېگىنىمىز قاتىرىسىغا زىچ تىزىلغان پولات تۈۋرۈك بىلەن دېرىزە لىملىرىدىن تەركىب تاپقان رامكىلىق قۇرۇلمىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ مەركىزىي قىسمى سىلىندىرسىمان لىفت قۇدۇقىدۇر. تۈۋرۈكلەر بەك زىچ بولغاچقا، تۈۋرۈكلەرنىڭ ئارىسىدىكى دېرىزىلەر ناھايىتى تار قويۇلغان، كەڭلىكى ئاران يېرىم مېتىر كېلىدۇ. لېكىن، بۇ ئىككى بىنادىكى ئەينەكلەرنى تىزىپ كەلسە، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى104 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
بىنانىڭ سىرتى ئاليۇمىن تاختاي بىلەن زىننەتلەنگەن، سىرتقى يۈزىنىڭ كۆلىمى200 نەچچە كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. يەر ئاستى قىسمىغا مېترو ۋوگزالى ۋە سودا سارىيى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يەنە2000 دانە ئاپتوموبىل توختاتقىلى بولىدىغان تۆت قەۋەتلىك ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى بار. ھەربىر بىناغا108 دانە لىفت ئورنىتىلغان، بۇنىڭ23 ى تېز سۈرئەتلىك لىفت بولۇپ، مىنۇتلۇق سۈرئىتى5 .486 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ ئىككى بىنا ئاساسلىقى ئىشخانا بىناسى قىلىنغان، يەنە بانكا، پوچتا ئىدارىسى، ئاممىۋى ئاشخانا، رېستوران قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى بار. بىر بىنانىڭ ئۆگزىسىگە6 .100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تېلېۋىزىيە مۇنارى ئورنىتىلغان. يەنە بىر بىنانىڭ ئۆگزىسى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، كىشىلەر بۇ يەرگە چىقىپ شەھەر مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايدۇ. بۇ ئىككى بىنادا50 مىڭ ئادەم خىزمەت قىلالايدۇ،90 مىڭ مېھماننى كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ.
دۇنيا سودا مەركىزى بىناسى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا سېلىنغان چىكاگودىكى شىرس بىناسىنىڭ قەۋەت سانى يەر ئاستى ئۆيىنى قوشقاندىمۇ دۇنيا سودا مەركىزى بىناسىنىڭكىگە يەتمەيدۇ، لېكىن ئېگىزلىكى443 مېتىر كېلىدۇ، شۇڭا ئۇ ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بىنا ھېسابلىنىدۇ.
شىرس بىناسى تەكشىلىكتىكى چاسا شەكىللىك مۇنارسىمان ئاسمان - پەلەك بىنا بولۇپ، ئۇنى سېلىشتا توققۇز دانە23 كۋادرات مېتىرلىق تىك سىلىندىردىن تەركىب تاپقان سىلىندىرسىمان قۇرۇلمىدىن پايدىلىنىلغان. تىك سىلىندىرنىڭ سانى يۇقىرىغا ئۆرلىگەنسېرى ئازىيىپ، ئاستى تەرىپى چوڭ، ئۈستى تەرىپى كىچىك شەكىل ھاسىل قىلغان، ئۇ ھەم ئۆزگىرىشچان، ھەم تۇراقلىق تۈسىگىمۇ ئىگە بولۇپ، شامال كۈچىنىڭ تەسىرىنى ئازايتالايدۇ.