UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلارقوپال ئۇسلۇبتىكى ئىمارەتلەر

قوپال ئۇسلۇبتىكى ئىمارەتلەر

دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار قوپال ئۇسلۇبتىكى ئىمارەتلەر50 - يىللاردا ئاۋۋال ئەنگلىيىدە بارلىققا كەلگەن. بۇنداق ئىمارەتلەردە سۇۋالمىغان پولات چىۋىقلىق بېتون قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش دېتاللىرىنى ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا پۇلنى تېجەب قالغىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە قوپال، سۈرلۈك بىر خىل ئۇسلۇب يارىتىپ، كىشىلەرگە پەردازسىز، لېكىن ناھايىتى جانلىق، شوخ تۇيغۇ ئاتا قىلغىلى بولىدۇ. لوندوننىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى سەنئەت مەركىزى بىلەن لوندون دۆلەتلىك تىياتىرخانىسى خۇددى غايەت چوڭ ھەم سۈرلۈك ھەيكەلتىراشلىق ئەسىرىگە ئوخشايدۇ. چوڭ - چوڭ ئۆي دېتاللىرى، توم، قوپال بېتون لىملار بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، قوپال ئۇسلۇبتىكى ئېسىل ئىمارەت ھاسىل قىلىنغان. ئەنگلىيە لېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش سارىيى، دەرسخانا، ئىشخانا ۋە سېخنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىنا، بۇ يەردە ئۇنىڭ ئىقتىدارى، قۇرۇلمىسى، ماتېرىياللىرى، ئۈسكۈنىلىرى ۋە قاتناش سىستېمىسى ناھايىتى ئاشكارا بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈشى ناھايىتى ئوچۇق - يورۇق كۆرۈنىدۇ. چاسا شەكىللىك بۇ ئېگىز بىنانىڭ ئاستى تەرىپىدە ناھايىتى زور، ئېغىر ئىككى بېتون قۇرۇلما ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، بۇ ئەسلىدە ئىككى پەلەمپەيلىك سىنىپ بولۇپ، دىڭگىيىپ تۇرغان قۇيرۇق قىسمى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار