سىدنېي تىياتىرخانىسى
دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار
ئاۋسترالىيىدىكى سىدنېي تىياتىرخانىسىنى جانلىق بېتون سەنئىتى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ئۆگزىسى شامالدا كۆپۈپ تۇرغان ئاق يەلكەنگە، پۈتكۈل ئىمارەت دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان چوڭ يەلكەنلىك كېمىگە ئوخشايدۇ. يىراقتىن قارىغاندا، قۇياش نۇرىدا پورەكلەپ ئېچىلغان ناھايىتى چوڭ ھەم ئاپئاق پىيازگۈلگىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ.
تىياتىرخانىنىڭ يەڭگىل قۇلۇلە قېپىدەك ئاق ئۆگزىسى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، ئۇلار چوڭ بىر سۇپىغا مۇقىملاشتۇرۇلغان، بىر گۇرۇپپىسى مۇزىكا زالىنى يېپىپ تۇرىدۇ، بىر گۇرۇپپىسى تىياتىرخانىنى يېپىپ تۇرىدۇ، يەنە بىر گۇرۇپپىسى بېننېلوڭ رېستورانىنى يېپىپ تۇرىدۇ. سۇپىنىڭ ئاستى تەرىپىدە چوڭ - كىچىك رەپىتىس زاللىرى، كۆپ ئىقتىدارلىق كۈتۈۋېلىش زالى، كۆرگەزمىخانا، رېستوران ۋە خاتىرە بۇيۇملىرى ماگىزىنى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ سىرتى دېڭىز قولتۇقىغا تۇتىشىپ كەتكەن باغچە. بۇ يەر سىدنېي شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى بولۇپ قالغان.
ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى1956 - يىلىلا سىدنېي تىياتىرخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش لايىھىسىنى ئاشكارا تاللىغان، دانىيىلىك ياش ئارخىتېكتور ئاتزان مول تەسەۋۋۇر كۈچىگە تايىنىپ خەلقئارالىق لايىھە تاللاش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. ئارىدىن17 يىل ئۆتكەندە،1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان سىدنېي تىياتىرخانىسى1973 - يىلى پۈتكەن. بۇ بىنانىڭ ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى تارتقان ھەمدە بىناكارلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشكەن. تىياتىرخانىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىدا، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى تىياتىرخانىنىڭ چوڭ سۇپىسى ئالدىدا لېنتا كەسكەن. تىياتىرخانىنىڭ چوڭ سۇپىسىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ كەڭ پەلەمپەي بولۇپ، كەڭلىكى90 مېتىردىن ئاشىدۇ.