UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلارسىمۋوللۇق قۇرۇلۇشلار

سىمۋوللۇق قۇرۇلۇشلار

دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار 1920- يىلى ئېينىشتېين رەسەتخانىسى گېرمانىيىنىڭ پوتسدام شەھىرىدە پۈتتى. بۇ رەسەتخانا نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن سېلىنغانىدى. بىناكار مىندېلسون سىرلىق نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى بۇ ئىمارەتنىڭ ئۇسلۇبىنى ئىپادىلەشتىكى ئاساسىي تېما قىلغانىدى. ئۇ بېتون بىلەن خىشتىن پايدىلىنىپ، سۈيۈر شەكىل تۈسىنى ئالغان بىر قۇرۇلۇشنى ياساپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن بەزىبىر شەكلى قانۇنىيەتسىز تۈڭلۈك - دېرىزىلەرنى ئېچىپ قويدى، تاملارغا بەزى چۈشىنىكسىز مۇدۇر - چوقۇرلارنى چىقىرىپ قويدى. پۈتكۈل بىنانىڭ شەكلى ناھايىتى غەلىتە بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىر خىل سىرلىق، چۈشىنىكسىز ھالەت ئىپادىلىنىپ تۇراتتى، بۇ بىنا نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىلمىي نەزەرىيىگە سىمۋول قىلىنغانىدى. سىمۋولىزم ئىدىيىۋى خاھىشىدىكى بىناكارلار قۇرۇلۇش لايىھىلەشنى ئۆزلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئېسىل ماھارەت كۆرسىتىشى دەپ بىلىدۇ، ئۇلار شەخسنىڭ سۇبيېكتىپ تەسىراتى ۋە كەچۈرمىشىنى ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئاجايىپ - غارايىپ مۇبالىغە قىلىنغان قۇرۇلۇش شەكلى ئارقىلىق مەلۇم ئىدىيىنى ئىپادىلەشكە، ئۇنى مەلۇم بىر خىل روھقا سىمۋول قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ. بۇ خىل يۈزلىنىش50 -،60 - يىللارغا كەلگەندە ناھايىتى ئەۋجىگە چىققان.1950 - يىلى كۇبىشيېف لايىھىلىگەن لونسان چېركاۋى پۈتىدۇ، ئۇنىڭ غەلىتە، ئۆزگىچە شەكلى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ فرانسىيىنىڭ چەت تاغلىق رايونىغا سېلىنغان، دىنىي رىۋايەت تۈسىنى ئالغان كىچىك چېركاۋ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا يا قوڭغۇراق مۇنارى، يا كرېست جاھازىسى يوق ئىدى، شۇڭا ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ئادەم ئۇنىڭ زادى نېمىگە ئىشلىتىلىدىغان ئۆي ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيتتى. ئۇنىڭغا كىرىپ باققان كىشىلەرلا ئۇنىڭ ئىنتايىن قويۇق دىنىي كەيپىياتقا تولغان چېركاۋ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتەلەيتتى. بىناكار بۇ ئىمارەتنى سېلىشتا نۇرغۇن ئۆزگىچە سىمۋوللۇق ۋاسىتىلەرنى قوللانغان: ئەگمە شەكىلدىكى جەنۇبىي تامنىڭ بىر بېشى ئۈستى تەرەپكە چوقچىيىپ چىققان بولۇپ، خۇددى جەننەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ؛ ئۆي ناھايىتى تىنچ - جىمجىت ۋە ھىم ھالەتتە بولۇپ، ئۇنىڭ ناھايىتى بىخەتەر پاناھلىنىدىغان جاي ئىكەنلىكىدىن يوشۇرۇن بېشارەت بېرىلىپ تۇرىدۇ؛ شەرق تەرەپتىكى كارىدور داغدام ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ؛ تامنىڭ يانتۇلۇقى، دېرىزىلەرنىڭ چوڭ - كىچىك ھەر خىللىقى، چېركاۋ ئىچىنىڭ غۇۋالىقى، سىرلىقلىقى ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى بىر خىل دىنىي كەيپىيات ھاسىل قىلىپ، ئۇنى باشقا چېركاۋ - ئىمارەتلەرگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى چېركاۋغا ئايلاندۇرغان. بۇ چېركاۋ نېمە ئۈچۈن بۇنداق غەلىتە لايىھىلەنگەن؟ كۇبىشيېف بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: مەن بۇ چېركاۋنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇرىتلارنىڭ دۇئا - تىلاۋىتىنى ئاڭلىشىغا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، يۇمشاق، نازۇك، ئېنىق ئاڭلىيالايدىغان قۇلاق سۈپىتىدە لايىھىلەپ چىقتىم.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار
سىمۋوللۇق قۇرۇلۇشلار | UyghurWiki | UyghurWiki