UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلارزامانىۋى بىنالار

زامانىۋى بىنالار

دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، زامانىۋى بىنالار پۈتۈن يەر شارىنى قاپلاپ، ئاتالمىش «خەلقئاراچە» ئۇسلۇب شەكىللەندى. بۇ خىل بىنالارنىڭ كۆپىنچىسى ئاددىي گېئومېتىرىيىلىك شەكىلدە سېلىنىپ، سىرتقى يۈزى يەڭگىل چوڭ ئەينەك ياكى باشقا ماتېرىياللار بىلەن ئورالغان، ئىنچىكە، نەپىس بېزەكلەر يوق، سىرتقى قىسمى تاقىر كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئارخىتېكتورلار يەنە كۆپ خىل بىناكارلىق ئۇسلۇبى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «كېيىنكى مۇدېرنىزم بىنالىرى» يېڭىچە ئېقىمىنى بارلىققا كەلتۈردى. كېيىنكى مودېرنىزمچىلار ھازىرقى زامان بىنالىرىنىڭ ئۇسلۇبى بىرلا خىل، ئۇلاردا بەدىئىي جەلپكارلىق كەمچىل، دەپ قارايدۇ. بىنالارنى زىننەتلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، «بىنا دېگەن زىننەتلەنگەن پاناھ جاي» دەپ ھېسابلايدۇ، بىنالارنىڭ ئاممىۋىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئارخىتېكتورلار ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغىنىچە لايىھىلىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئىمارەتلەرنىڭ ئۇسلۇبىنى ھەر خىل قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ئېقىمدىكى ئارخىتېكتورلار ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا، تارىخىي ئۆرنەكلەر ئىچىدىن ئىلھام ئېلىشقا، شۇ جاينىڭ مۇھىتىغا زىچ بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان بىنالارنى لايىھىلەپ چىقىدۇ.1978 - يىلى، ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئورلېئان شەھىرىگە سېلىنغان ئىتالىيە فونتان مەيدانى كېيىنكى مۇدېرنىزم ئېقىمىدىكى تىپىك قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. فونتان مەيدانىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنى شۇ يەردىكى ئامما تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان جاي ئىدى. لايىھىلىگۈچى چارلىس مور ئىتالىيىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ ئۆرنەكلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەگمە كارىدور ياساپ چىققان. بۇ كارىدور24 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تاش ياتقۇزۇلۇپ ھاسىل قىلىنغان ئىتالىيە خەرىتىسىنى چۆرىدەپ تۇرىدۇ، ئۇ روشەن سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە. شۇ يىلى، فىلىپ جونسۇن لايىھىلىگەن نيۇ يورك تېلېگراف - تېلېفون شىركىتىنىڭ بىناسى كېيىنكى مودېرنىزم ئېقىمىدىكى چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى ئىمارەتنىڭ ئۈلگىسىدۇر. بۇ بىنانىڭ ئۇل قىسمىنى سېلىشتا، ئىتالىيىدىكى15 - ئەسىردىكى بىر كىچىك چېركاۋنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئۆرنەك ئېلىنغان، تورۇس قىسمىنى لايىھىلەشتە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلىدىكى «باروك» ئۇسلۇبىدىن ئىلھام ئالغان، بەزىلەر ئۇ بۇ بىنانى لايىھىلەشتە كونىچە ئۈستەل سائىتىدىن ئىلھام ئالغان، دېيىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار