UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلارئەينەك بىنالار

ئەينەك بىنالار

دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار 1958 - يىلى، نيۇ يورك شەھىرىدە كەھرىۋا رەڭگى چاقناپ تۇرىدىغان بىر ھەشەمەتلىك ئىشخانا بىناسى دۇنياغا كەلدى، ئۇنىڭ خورمارەڭ دېرىزە جاھازلىرى ناھايىتى پۇختا، ھەيۋەتلىك بولۇپ، ئۈستىدىن ئاستىغىچە تۇتاش كەتكەن تىك سىزىقلار بۇلۇتلار ئارىسىغا كىرىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ؛ يېقىملىق ھال رەڭ ئەينەكلەردە شەھەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە توپ - توپ بۇلۇتلار ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. پۈتكۈل بىنا ئىخچام، سۈزۈك، نۇقسانسىز كۆرۈنىدۇ. بۇ دۇنياغا داڭلىق ھازىرقى زامان ئارخىتېكتورى مايس لايىھىلىگەن سىگرام سارىيى ھېسابلىنىدۇ.1919 - يىلىدىن بۇرۇن مايس ئاسمان - پەلەك ئەينەك ئىمارەتنىڭ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پولات بىلەن ئەينەكتىن پايدىلىنىپ كۆڭۈلدىكىدەك بىنا ئەندىزىسى ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. يېرىم ئەسىردىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ غايىسى ئامېرىكىدا رېئاللىققا ئايلانغان.40 - يىللارنىڭ ئاخىرىدىن50 - يىللارغىچە، مايس لايىھىلىگەن چىكاگو كۆل بويى سارىيى (26 قەۋەتلىك) بىلەن سىگرام سارىيى (38 قەۋەتلىك) ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەينەك بىنا بولۇپ قالغان. بۇ مەزگىلدە سېلىنغان ئېگىز قەۋەتلىك بىنالارغا ئەنئەنىۋى سىرتقى تام قوپۇرۇلماي، بەلكى چوڭ - چوڭ قېلىن ئەينەكلەر پولات جاھازلارغا مۇقىملاشتۇرۇلغان، بۇ خۇددى يورۇق، تەكشى ئاسمان تەسۋىرلىك دېكوراتسىيىگە ئوخشاش، بىنانى تېخىمۇ ئىخچام، سۈزۈك كۆرسىتىدۇ.1950 - يىلى، نيۇ يوركقا سېلىنغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كاتىبات بىناسى (39 قەۋەتلىك) مۇ ئاسمان - پەلەك ئەينەك بىنانىڭ ئۈلگىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.1952 - يىلى نيۇ يوركقا سېلىنغان لىۋېر بىناسى (22 قەۋەتلىك) پۈتۈنلەي ئەينەكتىن بولۇپ، بۇ ئېگىز قەۋەتلىك بىنا سېلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى يارىتىپ بەردى. بۇ بىنانىڭ تۆت ئەتراپى پۈتۈنلەي ئەينەك ۋە داتلاشماس پولات قاپلانغان پولات دېرىزە جاھازىسىدىن تەركىب تاپقان، سۇس كۆك رەڭلىك يالاڭ قەۋەتلىك، ئىسسىق سۈمۈرىدىغان ئەينەك ئورنىتىلغان دېرىزىلەر بىلەن قارامتۇل يېشىل رەڭلىك يالاڭ قەۋەتلىك پولات تورلۇق تۇتۇق ئەينەك دېرىزە تەكچىلىرى قاتمۇقات گىرەلىشىپ، ناھايىتى ياخشى بەدىئىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغان ھەمدە بىر مەھەل مودا بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئېگىز قەۋەتلىك بىنالار بارغانسېرى ئېگىزلەپ بېرىۋاتقاچقا، شامال كۈچىنىڭ تەسىرىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش نەزەردە تۇتۇلۇپ، بۇنداق ئىمارەتلەر كۆپىنچە ھاللاردا مۇنار شەكىلدە سېلىنىۋاتىدۇ.1965 - يىلى چىكاگودا سېلىنغان قوش مۇنار شەكىللىك مارىننا بىناسى (60 قەۋەتلىك) قاتار سېلىنغان يۇمىلاق، تەكشى يۈزلۈك قوشماق بىنادۇر؛1976 - يىلى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاتلانتا شەھىرىگە سېلىنغان شاپتۇللۇق مەركىزىي مەيدان مېھمانخانىسى (70 قەۋەتلىك) يۇمىلاق تەكشى يۈزلۈك مۇنارسىمان بىنادۇر. بۇ بىنالار ئەينەكتىن سېلىنغان مۇنارسىمان ئاسمان - پەلەك بىنالارنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار
ئەينەك بىنالار | UyghurWiki | UyghurWiki