UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلاريۇقىرى تېخنىكىلىق بىنالار

يۇقىرى تېخنىكىلىق بىنالار

دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار ھازىرقى زامان ئىمارەتلىرىدە، يېڭى تېخنىكا قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئېستېتىكا جەھەتتىمۇ ئامالنىڭ بارىچە يېڭى تېخنىكىنى ئىپادىلەشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر خىل يۈزلىنىش بارلىققا كەلدى. بۇ خىل ئىدىيىدىكى بىناكارلار يۇقىرى چىداملىق پولات، قاتتىق ئاليۇمىن، سۇلياۋ ۋە ھەر خىل خىمىيىۋى بۇيۇملارغا ئوخشاش ئەڭ يېڭى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، يەڭگىل، ماتېرىيال ئاز كېتىدىغان ھەم تېز قۇراشتۇرغىلى، ئوڭاي چۇۋۇغىلى ياكى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ئۆي - ئىمارەتلەرنى سېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشى ھەر خىل بولىدۇ. 1976 - يىلى پارىژغا سېلىنغان پومپىدۇ دۆلەتلىك مەدەنىيەت - سەنئەت مەركىزى، يۇقىرى تېخنىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پۈتكۈزۈلگەن ئەڭ كاتتا ئىمارەتتۇر. ئۇ زامانىۋى سەنئەت مۇزېيى، كۇتۇپخانا، سانائەت لايىھىلەش مەركىزى ۋە ناخشا - مۇزىكا تەتقىقات ئورنىدىن ئىبارەت تۆت يۈرۈش بىنادىن تەركىب تاپقان. ئالدىنقى ئۈچ يۈرۈش بىنا ئۇزۇنلۇقى168 مېتىر، كەڭلىكى60 مېتىر، ئېگىزلىكى42 مېتىر كېلىدىغان ئالتە قەۋەتلىك بىر قۇرۇلۇشقا مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ ناخشا - مۇزىكا تەتقىقات ئورنى جەنۇبتىكى كىچىك مەيداننىڭ يەر ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ بىنانىڭ قۇرۇلمىسىلا ئەمەس، بەلكى ئەسلىھەلىرىمۇ پۈتۈنلەي ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شەرقتىكى ئاساسلىق كوچىنى بويلىغان تىك يۈزىگە ھەر خىل رەڭدىكى تۇرۇبىلار لىققىدە ئېسىۋېتىلگەن: قىزىل تۇرۇبا قاتناش ئەسلىھەلىرىگە، يېشىل تۇرۇبا سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىغا، كۆك تۇرۇبا ھاۋا تەڭشەش سىستېمىسىغا، سېرىق تۇرۇبا توك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىنانىڭ غەرب تەرىپى مەيدانغا قاراپ تۇرىدۇ، ئۇ ئورگانىك ئەينەكتىن ياسالغان بىر قانچە زور ئەگرى - بۈگرى قۇرۇلمىدىن تەشكىل تاپقان؛ ئاستىنقى قەۋەتتىن ئەگرى - بۈگرى تولغىنىپ يۇقىرىغا ئۆرلەپ چىققىنى ئاپتوماتىك پەلەمپەي، قالغانلىرى گورىزونتال يۆنىلىشتىكى كارىدورلاردۇر. مەدەنىيەت تۈسىنى ئالغان ئادەتتىكى ئىمارەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، مۇھىتى تىنچ - ئازادە، كەيپىياتى ئۆزگىچە، ئەمما پومپىدۇ دۆلەتلىك مەدەنىيەت - سەنئەت مەركىزى ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭ مەيدانىدىن تارتىپ ئىچىگىچە قويۇلغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرى پۈتۈنلەي ئەركىن - ئازادە ئېچىۋېتىلگەن. بۇ مەيدان خۇددى كوچا - كويلاردىكى ئادەتتىكى مەيدانغا ئوخشايدۇ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىمۇ مۇئەييەن تەرتىپ ۋە قانۇنىيەت بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەمەس، ئېكسكۇرسىيىچىلەر بەزىدە ئۆزىنىڭ بىر دانە داڭلىق كۆرگەزمە بۇيۇمىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغانلىقىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقايدۇ. بۇ بىنانىڭ قۇرۇلمىسى تولىمۇ ئەپچىللىك بىلەن لايىھىلەنگەن، ئۇنىڭغا بىر خىل قاپلىما سىلىندىر قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلگەچكە، ھەرقايسى قەۋەتلەرنىڭ پوللىرى ئاپتوماتىك ھالدا كۆتۈرۈلەلەيدۇ ياكى تۆۋەنلىيەلەيدۇ، ھەرقايسى قەۋەتلەرنىڭ ئىشىك - دېرىزىلىرى ۋە ئوتتۇرىدىكى تاملىرىنىمۇ يۆتكىگىلى ياكى ئېلىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئۆينىڭ ئىچىدىكى بوشلۇقتىن ئىنتايىن جانلىق پايدىلانغىلى بولىدۇ. دەل ئۇنىڭ جانلىقلىقى ۋە ھەرىكەتچانلىقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ لىفت - پەلەمپەي ۋە باشقا ھەر خىل ئۈسكۈنە - ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى بىنانىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار
يۇقىرى تېخنىكىلىق بىنالار | UyghurWiki | UyghurWiki