UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلارقۇراشتۇرما ئىمارەت

قۇراشتۇرما ئىمارەت

دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار ھازىرقى زامان سانائەت تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىنا - ئىمارەتلەرنىمۇ خۇددى ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغاندەك تۈركۈملەپ ياسىغىلى بولىدىغان بولدى. بۇنىڭدا ئالدىن ياساپ قويۇلغان ئۆي - ئىمارەتنىڭ قۇرۇلما دېتاللىرى قۇرۇلۇش ئورنىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇراشتۇرۇلسا بولىدۇ. قۇراشتۇرما ئىمارەت20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشقا باشلىغان،60 - يىللارغا كەلگەندە ئاخىر رېئاللىققا ئايلانغان. بۇنى ئالدى بىلەن ئەنگلىيە، فرانسىيە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەر سىناپ باققان. قۇراشتۇرما ئىمارەتنىڭ پۈتۈش سۈرئىتى تېز، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى تۆۋەن بولغاچقا، تېزلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيگەن. دەسلەپكى مەزگىلدىكى قۇراشتۇرما ئىمارەتلەرنىڭ تاشقى شەكلى نىسبەتەن ئۆلۈك بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك بىرلا خىل ئۇسلۇبتا سېلىنغان. كېيىن كىشىلەر لايىھىنى ئۆزگەرتىپ، جانلىق ۋە كۆپ خىل بولۇش ئامىللىرىنى قوشۇش ئارقىلىق، قۇراشتۇرما بىنالارنى تۈركۈملەپ سېلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇنى ھەر خىل ئۇسلۇب ۋە شەكىلگە ئىگە قىلغان. ئامېرىكىدا بىر خىل ھەرىكەتچان ئولتۇراق ئۆي بار بولۇپ، بىرقەدەر ئىلغار قۇراشتۇرما ئىمارەت ھېسابلىنىدۇ، ھەربىر تۇرالغۇ خۇددى چوڭ كوزۇپتەك بولۇپ، ئۇنى ئالاھىدە ئاپتوموبىل بىلەن نەق مەيدانغا يۆتكەپ كېلىپ، كران بىلەن يەر يۈزىدىكى تەگلىك ئۈستىگە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان سۇ، توك ۋە تېلېفون سىستېمىسىغا ئۇلاپ قويسىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇنداق ھەرىكەتچان تۇرالغۇ ئۆيلەردە پار، مۇنچا، ئاشخانا، غىزالىنىش ئۆيى، ياتاق ئۆي قاتارلىق ئەسلىھەلەر بار. ھەرىكەتچان تۇرالغۇ ئۆيلەرنى ھەم ئايرىم بىر دوم (دەنيۇەن) قىلغىلى، ھەم ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار
قۇراشتۇرما ئىمارەت | UyghurWiki | UyghurWiki