ئوتلاقسىمان تۇرالغۇ ۋە ئورگانىك بىنا
دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار
تۇنجى ئەۋلاد ھازىرقى زامان بىناكارلىق ئۇستىلىرى ئىچىدە ئامېرىكىلىق لېيتېر ئۆزگىچە لايىھىلەش يولىنى تۇتقان. ئۇ زامانىۋى چوڭ شەھەرلەردىن زېرىكىپ، ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىكى يەرلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەركىن، جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇش شەكلىگە ھەۋەس قىلغان ھەمدە مۇشۇ ئاساستا، قويۇق يېزا - قىشلاق پۇرىقىغا ئىگە «ئوتلاقسىمان تۇرالغۇ» نى ئىجاد قىلغان.
ئوتلاقسىمان تۇرالغۇلار ئەڭ دەسلەپتە چىكاگونىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ئورمانلىقلارغا ياكى مىچىگان كۆلىنىڭ بويلىرىغا سېلىنغان. بۇنداق تۇرالغۇلارنىڭ تەكشىلىكتىكى ھالىتى كرېست شەكىللىك بولۇپ، تام مەش مەركەز قىلىنغان، ياتاق ئۆي، يېزىقچىلىق ئۆيى ۋە ئاشخانا تام مەشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ياتاق ئۆي كۆپىنچە ھاللاردا ئۈستۈنكى قەۋەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۆيلەرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ئېگىز - پاكارلىقى ھەر خىل بولۇپ، ھەم ئايرىۋەتكىلى، ھەم بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇنداق تۇرالغۇلار ئادەتتە ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ، لەمپىسى ئۇزۇنراق چىقىرىلغان، گورىزونتال شەكىل چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن. سىرتتىن قارىغاندا، ئېگىز - پەسلىكى ئوخشاش بولمىغان تاملار، يانتۇلۇق دەرىجىسى تەكشى ئۆگزىلەر، ئىچكىرى لەمپىلەر، قات - قات بالكون ۋە گۈل تەكچىلىرىدىن ھاسىل بولغان گورىزونتال مەنزىرە مورىلاردىن چىقىپ ئاسمانغا تىك كۆتۈرۈلگەن ئىسلار بىلەن بىرلىشىپ، ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.1902 - يىلى چىكاگو شەھەر ئەتراپىغا سېلىنغان ۋىللېتىس تۇرالغۇسى ۋە1907 - يىلى ئىللىنو شتاتىنىڭ دەريا جىلغىسىدىكى ئورمانلىققا سېلىنغان روبېرتىس تۇرالغۇسى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئوتلاقسىمان تۇرالغۇلاردۇر.
كېيىن، لېيتېر تەشەببۇس قىلغان «ئورگانىك بىنا» ئوتلاقسىمان تۇرالغۇنىڭ راۋاجى ھېسابلىنىدۇ، ئورگانىك بىنا تەبىئىي قۇرۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ تەبىئىي مۇھىتنىڭ بىر تەشكىلىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدا قۇرۇلۇش «يەردىن ئۈنۈپ چىقىپ، قۇياشنى كۈتۈۋېلىۋاتقان» دەك كۆرۈنىدۇ.1936 - يىلى پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ پىتىسبۇرگ شەھىرىگە سېلىنغان «ئېقىن سۇ داچىسى» ئورگانىك بىنانىڭ كۆرۈنەرلىك ئۈلگىسىدۇر. بۇ داچا يەر شەكلى ئېگىز - پەس، ئەتراپى بۈك - باراقسان دەل - دەرەخلەرگە تولغان بىر مەنزىرىلىك ئورۇنغا سېلىنغان، بىر ئېرىق سۇ داچىنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، تاشلاردىن سىيرىلىپ چۈشۈپ، كىچىك شارقىراتما ھاسىل قىلىدۇ، داچىنىڭ ئېگىز يېرى ئۈچ قەۋەتلىك بولۇپ، پولات - بېتون قۇرۇلمىلىق قىلىپ سېلىنغان، ھەربىر قەۋەت ئۆينىڭ يۈزى ۋە بالكونلىرى خۇددى چوڭ پەتنۇستەك ئالدىغا چىقىپ تۇرىدۇ، تاملىرى تاش ياكى ئەينەكتىن ياسالغان بولۇپ، ئېغىر - يېنىكلىكى، شىر - كاۋاكلىقى گىرەلىشىپ كەتكەن. داچىنىڭ سىلىق، ئاق رەڭلىك كۆتۈرۈلمە سۇپىسى، مۇستەھكەم، مەردانە تاش تاملىرى ۋە ئىخچام، يورۇق ئەينەكتىن تەشكىل تاپقان جانلىق قۇرۇلمىسى ئەتراپتىكى مەنزىرىلىك مۇھىت بىلەن زىچ بىرلىشىپ، تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن.