مارسېل سارىيى
دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار
1952 - يىلى فرانسىيىنىڭ مارسېل شەھىرىگە پۈتۈن دۇنيا ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان دەرىجىدىن تاشقىرى ياتاق بىناسى − مارسېل سارىيى سېلىنغان، ئۇ خۇددى سەرەمجان «كىچىك شەھەر» گە ئوخشايدۇ.
بۇ بىنا پولات چىۋىقلىق بېتوندىن سېلىنغان، ئۇزۇنلۇقى165 مېتىر، كەڭلىكى24 مېتىر، ئېگىزلىكى56 مېتىر كېلىدۇ. يەر يۈزىدىكى قەۋىتى ئوچۇق قويۇلغان تۈۋرۈك گۈندىلىرى (تەگلىك) بولۇپ، ئۈستىدە17 قەۋەت بىنا بار، بۇنىڭ1 - قەۋىتىدىن6 - قەۋىتىگىچە ۋە9 - قەۋىتىدىن17 - قەۋىتىگىچە تۇرالغۇ ئۆي بولۇپ،337 ئائىلىلىك،1600 ئادەم ئولتۇرالايدۇ. ھەر خىل ئائىلىلەرگە ماس كېلىدىغان23 كورپۇس بار، بويتاقلاردىن تارتىپ سەككىز پەرزەنتلىك ئائىلىلەرگىچە ھەممەيلەن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۆينى تاپالايدۇ. كۆپ ساندىكى ئائىلىلەر «قەۋەت ئاتلىغان» شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىلىدىغان پەلەمپەيلەر ئاستىنقى، ئۈستۈنكى قەۋەتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ؛ ھەر ئۈچ قەۋەتكە ئورتاق يول ئېچىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق قاتناش كۆلىمى تېجەپ قېلىنغان.
بىنانىڭ7 -،8 - قەۋەتلىرى ماگىزىن ۋە ئاممىۋى مۇئەسسەسەلەر، جۈملىدىن بولكىخانا، قوشۇمچە يېمەكلىكلەر دۇكىنى، ئاشخانا، مەيخانا، دورىخانا، كىرخانا، ساتىراشخانا، پوچتىخانا، مېھمانخانىلاردۇر.17 - قەۋىتى بالىلار باغچىسى بولۇپ، ئۆگزىسىدە بالىلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار،17 - قەۋەت بىلەن ئۆگزە ئوتتۇرىسىدا يانتۇ يول بار. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆگزىدە يەنە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ چېنىقىش ئۆيى، دەم ئېلىش ئورنى ۋە كىنوخانا بار. ئۆگزىنىڭ ئەتراپىنى بويلاپ يەنە300 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يۈگۈرۈش يولى ياسالغان. بۇ ياتاق بىناسى300 دىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرالايدۇ.
مارسېل سارىيىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى قاتمۇقات بالكونلار بولۇپ، بالكونلارنىڭ يان تېمىغا قىزىل، يېشىل، سېرىق دېگەندەك ئوچۇق رەڭلەر بېرىلگەن. يەر يۈزىدىكى قەۋىتىنىڭ تۈۋرۈكلىرى ئۈستى توم، ئاستى ئىنچىكە بولۇپ، ھەربىر گۇرۇپپىدىكى ئىككى تۈۋرۈك كىرىشتۈرۈلۈپ شوتىسىمان شەكىل ھاسىل قىلىنغان، بېتوننىڭ يۈزى سۇۋالماي، ياغاچ قېلىپنىڭ سىزىقچىلىرى ۋە ئۇلانغان يەرلىرى ئوچۇق قويۇلغان، شۇڭا ئۇ مەردانە ھەم پۇختا كۆرۈنىدۇ.