چات ئارىسى چوڭ بىنالار
دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار
2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ بىنالار چات ئارىلىقىغا بولغان ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ باردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى ماتېرىيال، يېڭى قۇرۇلما ۋە يېڭى تېخنىكىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى چات ئارىلىقىنىڭ كېڭىيىشىگە مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن، بەزى بىنالارنىڭ قاپلاش بوشلۇقى بارغانسېرى چوڭىيىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا رەڭگارەك چوڭ بىنالار بارلىققا كېلىشكە باشلىدى.1957
- يىلى سېلىنغان رىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى كىچىك تەنتەربىيە سارىيى گۈمبەز شەكلىدە نېپىز ئۆگزىلىك قىلىپ يېپىلغان.1962 - يىلى پۈتكەن نيۇ يورك يەر شارى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئايروپورتىنىڭ ئۆگزىسى تۆت قات نېپىز قاپلىمىدىن تەركىب تاپقان، خۇددى قاناتلىرىنى كېرىپ تۇرغان چوڭ قۇشقا ئوخشايدۇ. ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قاپلىمىلىق بىنا1959 - يىلى پارىژ شەھىرىنىڭ شىمالىغا سېلىنغان دۆلەت سانائەت ۋە تېخنىكا مەركىزىنىڭ كۆرگەزمە زالىدۇر. ئۇ قوش قەۋەتلىك بېتونلۇق نېپىز قاپلىما بولۇپ، ئىككى قەۋەتنىڭ قېلىنلىقى پەقەت12 سانتىمېتىر كېلىدۇ، تەكشىلىكتىكى ھالىتى ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدە، ھەربىر تەرىپىنىڭ چات ئارىلىقى218 مېتىر، يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى48 مېتىر، ئومۇمىي ئىشلىتىلىش كۆلىمى90 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.50
- يىللاردىن باشلاپ، پۇختا پولات سىمدىن ياسالغان ئاسما قۇرۇلما ئارقىلىق چات ئارىسى چوڭ بوشلۇقنى يېپىش ئۇسۇلى سىناق قىلىنىپ سېلىنغان بىنالار ئىخچام ۋە ئۆزگىچە كۆرۈنىدىغان بولدى.1957 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن غەربىي بېرلىن دۇنيا كۆرگەزمىسىدە، ئامېرىكا بىر قۇلۇلىسىمان كۆرگەزمە زالى سالغان، بۇنىڭدا ئىگە شەكىللىك ئاسما قۇرۇلمىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىلغان.1964 - يىلى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە سېلىنغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى چوڭ تەنتەربىيە سارىيى (سۇ ئۈزۈش سارىيى) بىلەن كىچىك تەنتەربىيە سارىيى (توپ سارىيى) نىڭ ئاسما قۇرۇلما تېخنىكىسى ۋە بىنانىڭ شەكلىدە بەزى يېڭىلىقلار يارىتىلغان. چوڭ تەنتەربىيە سارىيىنىڭ تەكشىلىكتىكى ھالىتى قۇلۇلە قېپى شەكلىدە بولۇپ، ئەڭ چوڭ چات ئارىلىقى126 مېتىر كېلىدۇ،15 مىڭ ئادەم سىغىدۇ. كىچىك تەنتەربىيە سارىيىنىڭ تەكشىلىكتىكى ھالىتى يۇمىلاق بولۇپ، كانايسىمان كىرىش ئېغىزى بار،4000 ئادەم سىغىدۇ.
ئاسما قۇرۇلمىمۇ چات ئارىسى چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ قۇرۇلما شەكلى ھېسابلىنىدۇ.1972 - يىلى ئامېرىكىنىڭ مىننېسوتا شتاتىغا سېلىنغان فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش بانكىسىنىڭ بىناسى16 قەۋەتلىك بولۇپ، ئۇ چات ئارىسى100 مېتىر كېلىدىغان بوشلۇقتا ئېسىلىپ تۇرىدۇ، كىشىگە بىر خىل يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ.
چەت ئەللەردە يەنە قىسقا پولات تۇرۇبىنى ئۇلاش ئارقىلىق ياسالغان چېدىر لىملىق يېڭى، گۈمبەزسىمان قۇرۇلمىلاردىنمۇ پايدىلىنىلىدۇ.1967 - يىلى كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن مونتىرېئال دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ ئامېرىكا كۆرگەزمە زالى دىئامېتىرى2 .76 مېتىر كېلىدىغان شارسىمان تور جاھازلىق قۇرۇلمىدۇر، ئۇنىڭ تاشقى يۈزى پۈتۈنلەي سۇلياۋ بىلەن قاپلانغان، كېچىسى بىنانىڭ ئىچى بىلەن سىرتى تەڭلا يورۇتۇلۇپ، پۈتكۈل بىنا ئاجايىپ رەڭدار تۈسكە كىرگۈزۈلىدۇ.
خىمىيە سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، قۇرۇلۇشلارنىڭ ياپمىسى ياكى تاشقى تېمى يەل كۆپتۈرمە قۇرۇلمىلىق قىلىپ ياسىلىۋاتىدۇ، بۇنداق قۇرۇلما ئاساسلىقى چات ئارىسى چوڭ بولغان ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشلاردا قوللىنىلىۋاتىدۇ.1975 - يىلى ئامېرىكىنىڭ مىچىگان شتاتىدا سېلىنغان ياك تەنتەربىيە سارىيىغا نېپىز سۇلياۋ كۆپتۈرمىلىك قۇرۇلما ئۆي يېپىش ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلىتىلگەن، قاپلاش دائىرىسى35 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئىچىگە80 مىڭ ئادەم سىغىدۇ، بۇ ئەينى چاغدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يەل كۆپتۈرمە قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.