UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرلۇپېمبا دۆلەت باغچىسى

لۇپېمبا دۆلەت باغچىسى

دۇنيادىكى شەھەرلەر زايىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىر تەبىئىي قوغداش رايونى. بۇ باغچە لۇپېمبا كۆل رايونى بىلەن كىبارا تېغىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 11 مىڭ 730 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1200 - 1860 مېتىر كېلىدۇ. بۇ باغچە دائىرىسىدە تۈزلەڭلىكلەر، كۆللەر، تاغلىقلار، شارقىراتمىلار، كەڭ جىلغىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۆسۈملۈكلىرى تروپىك ساۋاننا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ باغچە 1939 - يىلى تاغ چىپار ئېتىنى قوغداش ئاساسىدا قۇرۇلغان. باغچىدا شىر، بۆكەن، قانداغاي، پىل، مايمۇن، يىلپىز، سىرتلان قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار. كۆلدە ھەرخىل ئۇچار قاناتلار ياشايدۇ، لۇپېمبا دۆلەت باغچىسى تاشيول ئارقىلق لىكاسى شەھىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
لۇپېمبا دۆلەت باغچىسى | UyghurWiki | UyghurWiki