UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئوساكا

ئوساكا

دۇنيادىكى شەھەرلەر ياپونىيىنىڭ مۇھىم پورتى، ئوكاساكاكوبى سانائەت رايونىنىڭ ئەڭ مۇھىم يادروسى، ياپونىيە بويىچە توكيودىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندىكى ئومۇملاشقان سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر خونسىيو ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئوساكا قولتۇقىنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقىغا جايلاشقان. 22 شەھەر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاھالىسى 2 مىليون 648 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). قەدىمدە جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان، 1583 - يىلى شەھەرچە بولۇپ قۇرۇلغان، 1868 - يىلى پورت بولۇپ ئېچىلغان، 1874 - يىلى تۆمۈر يول سېلىنغان. 1889 - يىلى رەسمىي شەھەر بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن شەھەرنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولغان. ھازىر بۇ جاينىڭ پولات - تۆمۈر، نېفىت - خىمىيە، ترانسىپورت ماشىنىلىرى بىلەن ئېلېكتر ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلىرى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇلاردىن باشقا نەشرىياتچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىز قىرغاق رايونىغا ئېغىر سانائەت بىلەن خىمىيە سانائىتى زور دەرىجىدە مەركەزلەشكەن. شەھەرنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا قاتنىشىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. شەھەردىكى يەر ئاستى تۆمۈريوللىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 75.6 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ شەھەر ئارقىلىق ھەرخىل ماشىنا، خىمىيە، سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن توقۇمىچىلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ، سانائەت خام ئەشياسى بىلەن يېمەك - ئىچمەك، كان مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىنىدۇ. شەھەردە ئوساكا داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر، ئاتاقلىق مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، مەشھۇر بۇتخانىلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر